​يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى
09:52:08 2024-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن- تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا. مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، «يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 ئىلگىرىلەش داۋامىدا، دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم بىر تەجرىبە شۇكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مۇھىمىنى تۇتۇش، ئالدىنقى قاتاردىكىلىرىنى تۇتۇش، ئاساسنى تۇتۇشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىن بۇيان، «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، «تيەنخې»نىڭ بوشلۇقتا تۇرۇشى، «تيەنۋېن»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشىدىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان چوڭ ئايروپىلاننىڭ سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، گاۋتيې تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارادا ئۈلگە تىكلىشىگىچە ... دەل يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى توپلاپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس- بەستە بارلىققا كەلدى. ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى خەلقئارا رىقابەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى، گەرچە دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلغاندىلا، پەن- تېخنىكا جان تومۇرى ۋە تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز.

 چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەش، ئاساسنى تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، مەركىزىي كومىتېت پەن- تېخنىكا كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ كومىتېت پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان، سىياسەت- تەدبىر، مۇھىم ۋەزىپە، پەن تەتقىقات كۈچى، بايلىق سۇپىسى، رايون يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشتە.

 يېڭىلىق يارىتىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سىستېما قۇرۇلۇشى. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، جەزمەن ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. بازارنىڭ رولى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولى بىر- بىرىگە ھەمدەم بولىدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بازارنىڭ پەن- تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پەن- تېخنىكا تايانچ كۈچى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورۇن بەلگىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەم زامانىمىزدىكى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەم ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرقانچە مۇھىم ساھەدە پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى، مۇھىم پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى ئىخچاملاپ، يولغا قويۇپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇل تەتقىقات تەتقىق قىلىشتىن ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان پەن تەتقىقات زەنجىرىنىڭ باشلىنىش ئۇچىدا تۇرىدۇ، ئۇل پۇختا سېلىنسا، پەن- تېخنىكا ئىشلىرى سارىيىنى ئاندىن ئېگىز سالغىلى بولىدۇ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىك بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەتلىك قوللاش بىلەن مۇقىم قوللاش بىرلەشتۈرۈلگەن سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور ئىلىم- پەن مەسىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، تىرىشىپ ئەسلىي ئىجادىيەت ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆۋەن قاتلام تېخنىكا قائىدىسىنى ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلى ۋە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

 پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىكنىڭ ئاچقۇچى. «كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ.» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى زىچ ئۇيۇشتۇرساقلا، بىز چوقۇم يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125