6- ئاينىڭ 27- كۈنى، كۆرۈرمەنلەر مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ئالەم قاتنىشى پاكىز ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تەييارلاش ھەل قىلىش لايىھەسى مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا) 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ خاس كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى. ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ تۆت كۆرگەزمە سارىيى ئادەم بىلەن لىق تولۇپ، سۆھبەتلىشىشكە ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن سودىگەرلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيىدا، قەشقەر كوئىنلۇن ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كۆرۈرمەنلەرگە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيىدا، فوشەن شەھىرى يوۋئېرشاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرگە 3D بېسىش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى كۆرۈرمەنلەرگە قانداق قىلىپ كۆمۈر تېشىنى كېرەكسىز نەرسىدىن يېڭى ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئەقلىي «ياخشى ئۆي» ياساش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا، كۆرۈرمەنلەر جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتا مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرى ئاساسىي كارخانا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)