6- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەلق سەنئەتكارى تارباغاتاي ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات) 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق كۆرگەزمە سارايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن- تېخنىكا، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، خاس يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرگە چېتىلىدىغان خاس مەھسۇلاتلار نۇرغۇن سودىگەرنى كېلىپ مەسلىھەت سوراش، كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر كۆرگەزمە سارايلىرى كۆرگەزمىدە قالتىس جۇلالىنىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، سودىگەرلەر قەشقەر ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا شىنجاڭ گۇاڭشىندا يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان يۈرۈشلۈك ساپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ باقماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، كۆرۈرمەنلەر خوتەن ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئارتىسلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەلق سەنئەتكارى ئالتاي ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئاقىنلار ئېيتىشىشىنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، سودىگەر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىدا ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچلەرنى چۈشىنىپ باقماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، سودىگەر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىدا شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ باقماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، كۆرۈرمەنلەر كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، سودىگەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرى كۆرگەزمە ئورنىدا ئۇچقۇچىسىز ئادەملىك ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى چۈشىنىپ باقماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)