چۈشتىن كېيىنكى ئاپتاپ يەنىلا چىدىغۇسىز قىزىق ئىدى، تەر ماڭلاي چاچلىرىمنى بويلاپ كۆزۈمگە ئېقىپ كىرىۋاتاتتى، ئاچچىقتىن كۆزۈمنى توختىماي چىمىلدىتاتتىم؛ بەزىلىرى ئاغزىمغا ئېقىپ كىرىپ، ئاغزىمنى تۇزلۇق قىلىۋېتەتتى. ئەپكەش ئوڭ مۈرەمنى بېسىپ بەك ئېچىشتۇرۇۋەتتى. بۇ چاغدا، يول بويىدىكى چاتقاللارنىڭ ئارىسىغا، ياۋا ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان تاغ ھاشاراتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىپ كەتكەن ئىدى، لېكىن چىرىلداشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلاتتى، مۈرەمدىكى ئوتۇن يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتاتتى.
ئەسلىي مەزمۇننى ئوقۇماقچى بولسىڭىز مېنى چېكىڭ
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)