تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
19:57:11 2024-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى  (مۇخبىرلار سۈن يى، ما جويەن) 6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

 يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ئاسمان كۆپكۆك ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپ، ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، «تىنچلىق ـــ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق جاراڭلىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىردى.

 شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

 قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى، ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىدە، دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشتىن- ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەر بوشاشماي ئىزدىنىدىغان زور تېما. 70 يىل ئىلگىرى، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىق ھەرىكىتى تېز ئەۋج ئېلىپ، دۇنيا مۇستەملىكە سىستېمىسى گۇمران بولدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قارا بۇلۇتلىرى دۇنيانى قاپلىغان، «زوراۋانلىق ـــ ھەققانىيەت» دېگەن قاراش ئەدەپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئەمدىلا مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دۆلەتلەر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مىللەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشنا بولدى. جۇڭگو رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم بىر- بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، بىر- بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپنى مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى جۇڭگو − ھىندىستان، جۇڭگو − بىرما قوشما باياناتىغا كىرگۈزۈپ، بەش پىرىنسىپنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي مىزان قىلىپ بېكىتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەتكە ئايلانغان بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 70 يىلدىن بۇيان، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى زامان ۋە ماكان ھالقىپ، ئارازلىقتىن ھالقىپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا قانۇنچىللىق ئۈچۈن تارىخىي ئۈلگە  تىكلەپ بەردى، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توغرا يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلىدى، خەلقئارا تەرتىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تارىخىي ئەقىل - پاراسەت قوشتى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 70 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت زور تېما ئالدىدا، جۇڭگو يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دەۋر جاۋابىنى بەردى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى تومۇرداش بولۇپ، ھەممىسى پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، قوشنىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈش، بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە  ئۆتۈشتەك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، ھەممىسىدە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ئاجىزلارنى يۆلەش، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك روھىي خىسلىتى نامايان قىلىنغان، ھەممىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتەك دۇنياۋى ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھەممىسىدە جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنغان، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغانلىق ۋە يۈكسەلدۈرگەنلىك. بۇ ئىدىيەدە مەۋقە دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ئوبيېكتىپ رېئاللىققا قويۇلۇپ، باراۋەر بولۇش ۋە بىللە ئۆتۈشنىڭ يېڭى ئۈلگىسى تىكلەندى؛ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى؛ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىدىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى بېيىتىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، گۈللىنىش ياكى چېكىنىش، ئىتتىپاقلىشىش ياكى قارشىلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي تاللاش ئالدىدا، بىز تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك نىشانغا قاراپ بوشاشماي تىرىشىشقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق.

 ـــــ بىز ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېمىدا ئۆز ئورنىنى تېپىشىغا، ھەممىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى ۋە ئىجابىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 ــــــ بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ «قىممەتلىك قائىدە»نى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئورتاق ھالدا ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشقا قارشى تۇرۇشىمىز، لاگېرلار ئارا قارشىلىشىش ۋە تۈرلۈك «كىچىك چەمبىرەك» قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرۇشىمىز، باشقا دۆلەتلەرنى تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

 ــــــ بىز تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تىنچلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا بىللە مېڭىپ، تىنچلىقنى ئورتاق كۆزلەپ، تىنچلىقنى ئورتاق قوغداپ، تىنچلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 ـــــــ بىز گۈللىنىشنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

 ــــــ بىز ئادىل، ھەققانىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا قائىدىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق پۈتۈش، ئورتاق قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشىمىز كېرەك.

 ــــــ بىز ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك كەڭ قورساقلىقىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ  سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر تامامەن باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، تەڭ جۇلالانسا بولىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 70 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەر خىرىسقا ئورتاق يۈزلىنىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول. «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان قىياپەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشى كېرەك.

 بىز بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىم كۈچ بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش- تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىمىز؛ بىرلىكتە ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدا مەركىزىي ئورۇنغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب - شىمال سۆھبىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ بىرلىكتە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجابىي كۈچ بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش رامكىسىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ بىرلىكتە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، يەرلىك، خەلق ئىچى، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنى «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بويىچە ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» سانىدىن 1000 بىلەن، تەتقىقات ۋە بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سانىدىن 100 مىڭ بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» ياش باشلامچىلار پىلانىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى، كىلىمات ئۆزگىرىشى جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى فوندىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىتىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇپ، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندىدا جەنۇب- جەنۇب ھەم ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق فوندىنى داۋاملىق تەسىس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىشنى خالايدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى داۋاملىق قوللايدۇ ھەم «جۇڭگو تۈرى»گە سىجىل مەبلەغ قوشىدۇ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ «رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل تەرەققىيات خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق رامكا تەشەببۇسى»غا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىز تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى!

 لى چياڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 سەي چى، ۋاڭ يى، لى شۇلېي، جياڭ شىنجى قاتارلىقلار قاتناشتى.

 ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى نۇڭ دېمېڭ، بىرمىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دېڭ شېڭ، بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى موتلانت، ئېفىيوپىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇراتۇ، سىرى لانكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى راجاپاكسا، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جيۇشەن يوۋجىفۇ، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دالېما، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دېۋىلىپىن، كورېيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى لى خەيزەن قاتارلىق مۇھىم سىياسىي ئەربابلار ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، 100دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس- ئالىملار، دوستانە زاتلار، تاراتقۇ ۋە سودا- سانائەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 600دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125