شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى
20:04:09 2024-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغان، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەيدىغان، ئۇنىۋېرسال كۈچەيدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوبيېكتىنى تولۇق قاپلىغان، مەسئۇلىيەت تولۇق زەنجىرلىك بولغان، تۈزۈم تولۇق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. 

 مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى يولداش جاڭ جىڭخۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى. 

 شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى بولىدۇ، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يول قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت- بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق، تەلەپلەرنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە تەشكىلىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، شۇ دەرىجىلىك تۆۋەن دەرىجىلىكنى يېتەكلەشنى ياخشى تۇتىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ ئاساسنى كۈچەيتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ تور سىرتى ۋە تورنى تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلايدىغان، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلايدىغان تەربىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جەزمەن ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. دائىملىق تەربىيە ۋە مەركەزلىك تەربىيە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىستىلنى چېنىقتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈش، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.  

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دەل جايىدا كۈچەيدىغان، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جەزمەن پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، كېسەلنى داۋالاپ بەدەننى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش بىلەن خەلق نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىك، رەھبەرلىك بەنزىسى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرگە بولغان نازارەتچىلىك، «ئۈچ مۇھىم، بىر زور» ئىش تۈرلىرىگە بولغان نازارەتچىلىك ھەم ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىمتىياز ھادىسىسى ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماسلىق كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلمىي، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جەزمەن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىسىنى ھەر تەرەپلىمە زىچ توقۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا يۈزلىنىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈم يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نىزام- تۈزۈم يولىدا چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي گەۋدىسى ئايدىڭ، تەلىپى ئېنىق بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جەزمەن قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى بىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا، ئىلمىي بولغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باھالاش- جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ پارتىيەنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125