شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن سۆھبەتلەشتى
20:13:02 2024-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بورۇئارت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 6-  ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. پېرۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر بىر قاتار ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇدىكى چوڭ- چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى پېرۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − پېرۇ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پېرۇ تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن يول، شۇنداقلا جۇڭگو − پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىشىدىكى تۈپ سەۋەب. جۇڭگو تەرەپ پېرۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، پېرۇ تەرەپ بىلەن ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو − پېرۇ دوستانە ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بويىچە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى پېرۇ تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك داۋالاش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. پېرۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز، پېرۇ تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى قانۇن ۋە سىياسەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، چيەنكەي پورتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «چيەنكەيدىن شاڭخەيگىچە»نى ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گۈللىنىش يولىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پېرۇلۇق ياش ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى سانى بىلەن تەمىنلەپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا خەلق رايى ئاساسى سېلىشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ ھەممىسى تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى ۋە «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پېرۇنىڭ بۇ يىلقى ئاسىيا − تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا − تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداپ، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا − تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپ سىگنالى تارقىتىشىنى پائال قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پېرۇ قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

 بورۇئارت مۇنداق بىلدۈردى: ئىچكى كابىنېتنىڭ مۇھىم مىنىستىرلىرى ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن. پېرۇ بىلەن جۇڭگو ھەممىسى دۇنيادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، تارىختا خۇارېنلار پېرۇنىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى پېرۇغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، ئىلغار تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىككى كۈندە شېنجېن، شاڭخەي، سۇجوۋ قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، بىز جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا كەلگۈسىدە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغان نۇرغۇن ساھەلەرنىمۇ ئىزدەپ تاپتۇق. پېرۇ تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق پېرۇنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل تەرەققىيات، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، پېرۇ تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. پېرۇ تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، چيەنكەي پورتى تۈرىنى ئۆز قەرەلىدە پۈتتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 1971- يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، پېرۇ ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، پېرۇ تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. پېرۇ تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يۈرۈشلۈك يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن پېرۇ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 2024- يىلىدىن 2029- يىلىغىچە بولغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» ھەمدە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىش، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنىڭ ماھىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.

 سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا بورۇئارت ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

 بورۇئارت يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو − پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. بورۇئارت شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

 شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا بورۇئارت ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

 ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125