شى جىنپىڭ ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن جۇڭگو − ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
20:19:37 2024-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى  6- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.      

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىر- بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا بىر- بىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، تەۋرەنمەس دوستلۇق ئورناتتى. بۇلتۇر 9- ئايدا، زۇڭتۇڭ مادۇرو جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز جۇڭگو − ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو − ۋېنېزۇئېلا دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 مادۇرو مۇنداق بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ ۋېنېزۇئېلا بىلەن جۇڭگونىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگوغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارغا قارشى تۇرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، داۋاملىق تۈردە ۋېنېزۇئېلا − جۇڭگو دوستلۇقىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125