پەن- تېخنىكا «ئەقلىي ياسىمىچىلىق»ى «چەكسىز مۇمكىنچىلىك»نى نامايان قىلدى
01:50:38 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پەن- تېخنىكا «ئەقلىي ياسىمىچىلىق»ى «چەكسىز مۇمكىنچىلىك»نى نامايان قىلدى

خوۋ خۇي

 موي قەلەمدە خەت يازالايدىغان ماشىنا ئادەم نەق مەيداندا خەتتاتلىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى، مودا ھەم چىرايلىق تەقلىدىي ماشىنا ئادەم گۈزەل شىنجاڭنى چۈشەندۈردى، زور بىر تۈركۈم مەستانىلەرنى جەلپ قىلغان چارلاپ تەكشۈرىدىغان ماشىنا ئىت پۈتۈن مەيداندا يۈگۈرۈپ يۈردى... بۇ پەن- تېخنىكا «ئەقلىي ياسىمىچىلىق»ى ئېنىقكى 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارغا جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە يېتەرلىك بولغان زامانىۋى تۈسنى نامايان قىلدى.

 جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر ئوچۇق سۇپا، ئۇ شىنجاڭنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى نامايان قىلىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. مەيلى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك ياكى ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن گىرەلىشىشى ئېنىقكى ئەڭ چوڭقۇر بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش، ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى يېقىملىق تۇيۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭنى كۆزنەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش كەيپىياتى ۋە پەن- تېخنىكا كۈچىنى ھېس قىلىشنى ھەم ئۇنىڭدىن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىكىر يولى ۋە پۇرسىتى ئىزدەشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى پەن- تېخنىكا «ئاقىل ياسىمىچىلىق»ى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارغا زامانىۋى تۈس، كەلگۈسى تۇيغۇغا تولغان جۇڭگو تۇرمۇش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

 تۈرلۈك پەن- تېخنىكا «ئاقىل ياسىمىچىلىق»ى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، پەن- تېخنىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە كۆرگەزمىگە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش يېڭى كۆرۈنۈشى قوشتى. مەركەز كارخانىلىرى سارىيىنىڭ ھەممىباب تېخنىكا كۆرگەزمە رايونىدا، مەن AR كۆزەينىكىنى تاقاپ، رەقەملىك تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن تەڭ قەدەملىك تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ھېس قىلدىم، خىزمەتچى خادىم ئىنگلىز تىلىدا مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، كۆزەينەكتە ئاپتوماتىك ھالدا جۇڭگو تىل- يېزىقى ھاسىل بولدى. شياڭگاڭ كۆرگەزمە رايونىدا، ئىككى چەت ئەللىك مېھمان قىزىقىش ئىچىدە ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيەنى بىۋاسىتە ھېس قىلىۋاتاتتى، ھېس قىلغۇچى قولىنى كۆتۈرۈپ بەدىنىنى مىدىرلىتىۋېدى، تەقلىدىي تەسۋىرى شياڭگاڭنىڭ شەھەر كوچا مەنزىرىسىگە چۈشتى. كۆرگەزمە سارىيىنى سەيلە قىلغاندا، پەن- تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلاردىن بېتون سۈپىتىنى ئالاھىدە تەكشۈرىدىغان ماشىنا ئادەمگىچە، يەنە يەر ئاستى بوشلۇقى ۋە كەلگۈسى شەھەر لايىھەسى، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى، رەقەملىك سانائەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق «قارا پەن- تېخنىكا»غىچە... كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز پەن- تېخنىكا «نامايەندە»لىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنى جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نىسبەتەن تېخىمۇ بىۋاسىتە تەسىراتقا ۋە ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

 بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە نامايان قىلىنغان پەن- تېخنىكا «ئاقىل ياسىمىچىلىق»ى تېخنىكىنى نامايان قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايون يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «تۈرتكۈچ» بولدى. ئۇ دۇنياغا جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ نامەلۇم ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىش، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىكىنى نامايان قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى، ھەمبەھرىلىدى. بۇ خىل ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش، ئالماشتۇرۇش بىلەن ھەمكارلىشىش يېڭىلىق يارىتىش ئۇچقۇنلىرىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پەن- تېخنىكا «ئاقىل ياسىمىچىلىق»ىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125