چېنىققاندا تەر كۆپ چىقسا ماينىڭ خورىشى تېز بولۇشى ناتايىن
18:23:26 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نۇرغۇن كىشى ياز پەسلىدە چېنىققاندىن كېيىن چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتكەن تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم «تەر ماينىڭ كۆز يېشى» دەپ چاقچاق قىلىپ، تەر قانچە كۆپ چىقسا ئورۇقلاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟

«ھاياتلىق گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تەرلەش بىلەن ماينىڭ خورىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈردى ھەم قانداق چېنىققاندا ماينىڭ تېخىمۇ خورايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر

گوۋ بو: شىئەن تەنتەربىيە شۆيۈەنى تەنھەرىكەت تېبابىتى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى

جاۋ شىن: بېيجىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى داشۆسى دۇڭفاڭ دوختۇرخانىسى ئىككىلەمچى ساغلاملىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

كۆپ تەرلەش ماينىڭ كۆپ خورىغانلىقى ئەمەس

چېنىقىش جەريانىدا ماينىڭ قانچىلىق خورىشىدا چىققان تەرنىڭ مىقدارىغا ئەمەس، ئاساسلىقى يۈرەك رىتىمى ۋە چېنىقىش ۋاقتىغا قاراش كېرەك.

● ماينىڭ كۆپىنچىسى «نەپەس» ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ

ماينىڭ ئەڭ ئاساسلىق مېتابولىزم ئۇسۇلى ئوكسىدلىنىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە سۇغا ئايلىنىش ھەم ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىلا بەزى ئالىملار ئىزوتوپلۇق بەلگە قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، %84 ماينىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد شەكلىدە نەپەس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى، %16نىڭ سۈيدۈك، تەر شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققان.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆپ قىسىم ماي «نەپەس» ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، ئۆپكە ماينىڭ ئەڭ ئاساسلىق «چىقىرىۋېتىش ئەزاسى» ھېسابلىنىدۇ.

● تەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ

تەرلەش ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشتىكى تەبىئىي ۋاسىتىسى، چېنىققاندا تەر چىقىش چېنىقىشنىڭ بەدەندىكى يادرولۇق تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بولىدۇ، شۇڭا تەرلەش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

تەر تەركىبىدە ئەمەلىيەتتە سۇ تەركىبى ئەڭ كۆپ بولۇپ، %99كە يېتىدۇ. باشقا تەركىبلەر ئاران %0.5 ~ %1نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ناترىي خىلورىد، كالىي قاتارلىق ئانئورگانىك تۇزلار، سۈت كىسلاتاسى، ئۇرېيە، ئاممىياك، ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەرنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، تەر بېزى كۆپ، بەدەندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان تەرلەيدۇ؛ تەر بېزى تەرەققىي قىلمىغان، ئاساسىي مېتابولىزمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ تەرلىشى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.

شۇڭا، تەر چىقىش- چىقماسلىق، تەر مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى ماينىڭ خوراش ئۈنۈمىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ.

● چېنىقىشتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ۋاقىتلىق بولىدۇ

بىر قىسىم كىشىلەر چېنىققاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا كېمەيگىنى ماي ئەمەس.

كۆپ مىقداردا تەر چىققاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى دەرھال تۆۋەنلەيدۇ، ئازايغىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەدەندىكى سۇ بولۇپ، سۇ ئىچىش ياكى تاماق يېيىش ئارقىلىق سۇ تەركىبى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئۆرلەيدۇ.

تەرلىگەندىن كېيىن، مۇنداق قىلسا بولىدۇ

تەر كۆپ چىققاندا، ئادەم بەدىنىدە كۆپ مىقداردىكى سۇ ۋە ئېلېكتىرولىت ئېقىپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تولۇقلىمىسا، سۇ ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق كېرەك؟

ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش

چېنىققاندا سۇ ئىچىشتە «كۆپ قېتىم، ئاز مىقداردا» بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، قانچىلىك سۇ تولۇقلاشنى شەخسنىڭ تەر چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش، ئەگەر تەر كۆپ چىققان بولسا ئازراق سۇس تۇز سۈيى تولۇقلاش كېرەك.

ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىنىڭ تەركىبىدە شېكەر بولىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا ئېھتىيات بىلەن تاللاش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چېنىقىش ۋاقتى بىر سائەت ئىچىدە بولسا سۇ تولۇقلىسىلا بولىدۇ؛ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، دەسلەپكى بىر سائەتتە سۇ تولۇقلاش، كېيىن ئېلېكتىرولىت سۇ ئىچسە بولىدۇ.

بىردەم ئارام ئېلىپ ئاندىن يۇيۇنۇش

چېنىققاندا مۇسكۇلغا ئېقىپ بارىدىغان قان كۆپىيىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ، ئەگەر چېنىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال يۇيۇنسا، ئاسانلا يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىشى مۇمكىن.

چېنىقىشتىن كېيىن بىردەم ئارام ئېلىپ، تومۇر سوقۇشى نورمال سانغا يېقىنلاشقاندا (مىنۇتىغا 60 ~ 100 قېتىم) ئاندىن يۇيۇنۇش، ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش كېرەك.

سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش

تەرلىگەندىن كېيىن تەر تۆشۈكچىلىرى ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتكەندە شامالدىغاندا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا يۈز پالەچلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

چېنىققاندا لۆڭگە ئېلىۋېلىش، چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن تەرنى سۈرتۈپ، قۇرغاق كىيىم ئالماشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە شامالدۇرغۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ شامىلىنىڭ ئۇدۇل تېگىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125