شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان دەريا ھالقىغان يولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
19:56:10 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تەبرىك خەت

 شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان دەريا ھالقىغان يول پۈتۈپ قاتناش باشلانغان پەيتتە، مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پىلانلاشقا، قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

 شېنجېن- جۇڭشەن يولى شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا ياسالغان يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشى بولۇپ، نۇرغۇن دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتتى. بارلىق قاتناشقۇچىلار جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ!

 كېيىنكى قەدەمدە، شېنجېن- جۇڭشەن يولىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىخەتەر، راۋان، راھەت، ئاقىل ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناشنىڭ يول باشلىغۇچى ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرقىي، غەربىي ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» ۋە قائىدە- مېخانىزمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان جاي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ

 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى) 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان دەريا ھالقىغان يول 6- ئاينىڭ 30- كۈنى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم پىلانلاشقا، قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شېنجېن- جۇڭشەن يولى شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا ياسالغان يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشى بولۇپ، نۇرغۇن دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتتى. بارلىق قاتناشقۇچىلار جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە، شېنجېن- جۇڭشەن يولىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىخەتەر، راۋان، راھەت، ئاقىل ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناشنىڭ يول باشلىغۇچى ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرقىي، غەربىي ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» ۋە قائىدە- مېخانىزمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان جاي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېنجېن- جۇڭشەن يولىدا قاتناش باشلاش پائالىيىتى غەربىي سۈنئىي ئارالدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ نەق مەيداندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم شېنجېن- جۇڭشەن يولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 شېنجېن- جۇڭشەن يولى شېنجېندىن سېنشىغىچە بولغان دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 24 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈردە 2017- يىلى 2- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، يەتتە يىلدا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ، يەرشارى بويىچە تۇنجى «كۆۋرۈك، ئارال، تونېل، سۇ ئاستى يولىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش» بىر گەۋدە قىلىنغان دېڭىز ھالقىغان توپ قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى ھازىرقى تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن 30 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125