«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
20:05:08 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ- ۋەزىپىسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتنىڭ بىر قىسمى «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ- ۋەزىپىسى» ئېلان قىلىنىدۇ.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش −− نوپۇس كۆلىمى غايەت زور زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى − ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش: 2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش − ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، ئىستىقبال پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا تۆۋەندىكى مۇھىم پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگىلىشىمىز شەرت: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىشىمىز شەرت. پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبە قازىنىشىمىز شەرت!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125