ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:21:54 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراش ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما، تەربىيە سىستېمىسى، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى، مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، «يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، سىياسەت- تەدبىرى، مۇھىم ۋەزىپىسى، پەن تەتقىقات كۈچى، بايلىق سۇپىسى، رايون يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياخشى مۇھىتنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مائارىپ پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيە- ئورۇنلىرى، پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، پەن- تېخنىكا بىلەن مائارىپنى يۇغۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر رايونى خىزمىتىگە قويغان مۇھىم تەلىپىنى كەم- كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئاكتىپ ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىش ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆلەم، قاتلام، تەسىر كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، كۈچەپ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قاتتىق ۋە يۇمشاق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريان، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈپ، كۆرگەزمە تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆرگەزمە نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلارغا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى رايونلارنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125