ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
20:30:11 2024-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى 

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىنى چىڭىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ لىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە جەھەتتە زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپى، «يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولى»دا ياخشى مېڭىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر ئىنتىزام تەربىيەسىنى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن سەلبىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پولاتتەك ئىنتىزامنى كۈندىلىك ئادەت ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى پۇختا، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام- تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە، دادىل ئىش قىلىش لېكىن قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق، ماھىرلىق بىلەن ئىش قىلىش لېكىن قالايمىقان ئىش قىلماسلىققا ئادەتلىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125