بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئاغرىقلىرى ئەمدى خالىغانچە ئۇۋۇلاتماڭ!
18:16:18 2024-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كۆپچىلىكتە ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىزمەت قىلغاندا ياكى يان تېلېفونغا قارىغاندىن كېيىن بېشى، مۈرىسى، بوينى، ھەتتا بىلىكى بىئارام بولىدىغان، بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كېلىدىغان سېزىمنىڭ بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەگەر دائىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ بويۇن ئومۇرتقىمىز پارچە- پارچە سۆڭەكلەردىن ئۇلىنىپ ھاسىل بولغان، سۆڭەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۇلىنىدۇ ھەم بەلگىلىك قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

بىز بىر ئىشقا مەستانە بولۇپ، بېشىمىزنى ئۇزاق مەزگىل ئوڭ- سولغا بۇرىمىساق، بويۇن ئومۇرتقىسى ئۇچرايدىغان بېسىم پەقەت بېشىمىزنىڭ ئېغىرلىقىلا بولىدۇ، لېكىن ئەگەر بېشىمىز دەل ئوتتۇرىدا بولمىسا، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدىكى بېسىم چوڭىيىپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان پەي قېرىيدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئەسلىدىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئەتراپتىكى توقۇلمىلار قىسىۋالىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش.

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشى ئۆزىنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ سۆڭەكنى ئورنىغا چۈشۈرۈش ياكى ئۇۋۇلىتىشنى ئويلايدۇ. بۇ ئاڭلىماققا يامان ئەمەستەك بولسىمۇ، لېكىن مۇنتىزىم بولمىغان سۆڭەكنى ئورنىغا چۈشۈرۈش، ئۇۋۇلىتىش ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

دوختۇرخانىدا بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بولغاندا، ئاغرىقنىڭ يىلىكى يېنىك بېسىمغا ئۇچرايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇۋۇلىغۇچى ئومۇرتقا سۆڭىكىنى كۈچەپ باسسا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىر قېتىملىق قىسقا ھەم قاتتىق سوقۇلۇشقا ئۇچرايدۇ، يىلىك ئۇچرىغان بېسىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭىيىپ، نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ تېزدىن ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا، مەڭگۈلۈك يۇقىرى ئورۇنلۇق كەسمە پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوپېراتسىيە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپېراتسىيە قانچە بالدۇر قىلىنسا، ئەسلىگە كېلىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر دوختۇر دىياگنوز قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلسا، ھەرگىز بەك قورقۇپ كەتمەسلىك ياكى تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىق، ئۆزىنى ئەسلىگە كېلەلەيمەن دەپ قارىماسلىق كېرەك، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش ئەڭ مۇھىم.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125