شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
20:00:38 2024-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

 بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. سوراپ باقسام، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن قايسى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟

 ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 23 يىلدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىك توسۇقى، ھەمكارلىق كۆۋرۈكى، دوستلۇق رىشتىسى ۋە ئىجابىي كۈچ قىلىپ بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە يېڭىچە رايون ھەمكارلىقى ئۈلگىسىنى تىكلىدى. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاستانە باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت. يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ھازىرقى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىنى پىلانلايدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

 ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ جۇڭگونىڭ يەنە بىر قېتىم رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شۇ رايوندىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت يارىتىش، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

 بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، باياناتچى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟

 ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يارقىن نۇقتىلار ئارقا- ئارقىدىن نامايان بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن شىئەن، بېيجىڭدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىدىغان «ئالتۇن مەزگىل»گە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

 «بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا بەشىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ھەم قارشى ئېلىش مۇراسىمى، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرى، ھەمدە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

 ماۋ نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تاجىكىستان جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ھەمكارلاشتى. بۇلتۇر 5- ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

 «بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ تاجىكىستاندا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىنى يېڭىدىن پىلانلايدۇ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە كۆپ مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125