شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى موستيىنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
20:05:15 2024-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سامانسا موستيىنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە بىر- بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ھەرئىككىلىسى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم كۈچ. ساغلام، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان جۇڭگو- ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنىچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. مەن جۇڭگو- ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم بولغان، تېخىمۇ مول نەتىجىلىك جۇڭگو- ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125