ما شىڭرۇي «1- ئىيۇل»دا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
20:20:11 2024-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي «1- ئىيۇل»دا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى

داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

7- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭنىڭ سىياسىي تەلىپى، مەسئۇلىيەت ئورنى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ئۆلچىمى، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ »نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ »نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم تەلىپىنى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەشتە ئۈلگە بولۇپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشىغا پۇختا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاش، ئوڭ- سولنى ماسلاشتۇرۇشتىكى تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ۋە كۈچنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرىغا يوللاش، تۆۋەنگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ بىردەك، ھەرىكىتىنىڭ بىردەك، قەدىمىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك. ياخشى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نېمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قاتنىشىشتا يوللۇق بولۇش، پىلانلاشتا تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، پۈتۈن زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇق، تەلەپلىرىنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا، سىياسەت- بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ «ئۆتكۈر شەمشەر»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەت ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئەندىزىسى ۋە تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن، قېلىپلاشقان، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. پارتىيەگە سادىق بولۇش پەزىلىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خىزمەت قابىلىيىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا تاۋلىنىش، كەسپىي جەھەتتىن چېنىقىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە قويۇپ چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، قۇرۇق گەپ ساتماي، كۆپرەك ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەمدە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، تىرىشىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پاكلىق قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر پاك- دۇرۇس بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125