خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى
خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى ئورتاق قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى ئورتاق قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ گۇاڭفۇ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما يۇڭشېڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى تەسىس قىلىش نېفىت- تەبىئىي گاز ساھەسىدە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. كېلىشىم بويىچە، ئۈچ تەرەپ «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، تەڭ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم، سىياسەت، ئىختىساسلىقلار، پەن تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئۇللۇق پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ئورتاق ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ.
چېن ۋېيجۈن، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جىن جىجېن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى ھەم شىنجاڭ بازىسى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)