ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش
− 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە نەزەر (1)
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
يەنە يازنىڭ ئوتتۇرىلىرى يېتىپ كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.
يەنە كاتتا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئېسىل مەھسۇلاتلار شىنجاڭغا جەم بولدى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا- ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن سۇپا بەرپا قىلىندى.
يىپەك يولىدىكى ئۇچرىشىشقا ئاۋاز قوشقۇچىلار توپلاندى. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 2100دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ قالتىس سىمفونىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى.
ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلىنىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش
ھەرخىل رەڭدىكى يىپەك يىپ ماشىنىدا ئارىلاش توقۇلۇۋاتقان بولۇپ، مېخانىك بىلەككە يۆگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، ماشىنا بۇيرۇق بويىچە سىلىق ئايلىنىپ يىپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، بىرئازدىن كېيىن يان تەرەپتىن نەپىس توقۇلغان پايپاق پۈتۈپ چىقتى− جېجياڭ ۋېيخۇەن ماشىنىلاشقان ياسىمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پايپاق توقۇش ماشىنىسىنى كۆرگەزمە نەق مەيدانىغا بىۋاسىتە يۆتكەپ كەلگەنىدى.
توقۇمىچىلىق جېجياڭ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى. «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا شىركىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ھەمكارلىق ھەمراھى بار.» بۇ شىركەتنىڭ سېتىش دىرېكتورى لوۋ لىجياڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىن غەربكە قاراپ ماڭساق، بازار ناھايىتى كەڭ ئىكەن. كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بىز تېخىمۇ كۆپ يېڭى خېرىدارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز».
ئېچىۋېتىش شەرق شامىلى كىشىلەرنىڭ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتەتتى، تەڭ نەپ ئېلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. شىنجاڭدا تەسىس قىلىنغان، ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن يەرشارىدىكى تاۋار، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى ۋە بايلىقى بۇ يەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلىرى بىر- بىرىنى چوڭقۇر چۈشەندى. بارغانسېرى زىچ ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا، تەرەققىيات پىكىر يولى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى.
بۇ پۈتۈن يەرشارىدىكى سودىگەرلەر ئېشىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان «پۇرسەت ماكانى» −
بېلارۇسىيەنىڭ ماروژنىسى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاسما گىلىمى، ئۇرۇگۋاينىڭ بىنەپشە رەڭلىك خىرىستالى، گانانىڭ ئافرىقا دۇمبىقى... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان نۇرغۇن دۆلەت بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشتى، پۈتۈن يەرشارىدىكى «ياخشى نەرسە»لەر جۇڭگو شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىندى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خەلقئارالىق خاس كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلدى.
قىرغىزىستانلىق سودىگەر ئەيمانىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تۈرى مول بولغان ھەسەل نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. «شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن، ھازىر جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئەيما.
بۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى كەڭ سەھنە −
شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيوپەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرگەزمىگە ئۇدا قاتنىشىپ، كۆرگەزمە بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئېرتىش دەرياسى بويىدىن قەدەم ئالغان ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپىدىكى داڭلىق كارخانىغا ئايلاندى.
«كۆرگەزمىنىڭ نامايان قىلىش ئۈنۈمى ۋە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى كەي دالى مۇنداق دېدى: «ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، بىز پۈتۈن يەرشارىدىكى داڭلىق تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىستېمالچىلارغا سۈتچىلىك كەسپىدىكى يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار ۋە ئىلغار تېخنىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ تۆگە سۈتىنى دۇنيا تاماق ئۈستىلىگە چىقاردۇق».
خۇددى بىر كۆۋرۈككە ئوخشاش، كۆرگەزمە جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇردى؛ شۇنداقلا بىر دېرىزىگە ئوخشاش، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پۇرسەتكە تولغان شىنجاڭنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كۆرگەزمە نەق مەيدانىدىكى ئادەمگە لىق تولغان، ئىستېمال قىزغىنلىقى ئاشقان مەنزىرە سېربىيە دۆلەت سارىيى كۆرگەزمە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ ۋېيدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، جۇڭگو بازىرىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدىم».
ۋۇ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: سېربىيەنىڭ ئالاقىدار ماركىلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىش پىلانىمىز بار، «بىرقەدەر ئەمەلىي كۈچى بار بىرقانچە سېتىش سودىگىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، تېزدىن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىمىز».
كۆرگەزمىدە «چېچەكلەپ»، مەيدان- ساراي سىرتىدا «مېۋىلىدى». ئېچىۋېتىش ئىشىكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلغان شىنجاڭدا، پۇرسەتمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، دۇنيانى زور نەپكە ئېرىشتۈرمەكتە.
ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى
ھەم سېتىش مەيدانى، شۇنداقلا ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى، ھەم بايلىق سۇپىسى، شۇنداقلا ھەمكارلىق سۇپىسى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا ئىچى- سىرتىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە- يىغىنغا قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ تەمىنلەش- ئېھتىياج تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، كېڭىشىش دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، نەچچە ئون مەيدان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆرگەزمىنىڭ كۆپ خىل كۆرۈش شەكلى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
21 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 31 مىليارد 357 مىليون يۈەن بولدى− 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ھەم مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
«بۇ قېتىم شىنجاڭغا ئاساسلىقى ئىنچىكە توقۇلغان تالانىڭ خام ماتېرىيالى بولغان مەشۇت قىسقا تالاسى ۋە ئۇزۇن تالالىق پاختىنى كۆرگىلى كەلدىم.» لياۋنىڭ جۇڭتيەن پىلىچىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى شياۋبو مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرىنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى زور، شىركىتىمىز پىلە مەشۇت تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 86 مىليارد 796 مىليون يۈەن بولدى؛ قومۇل شەھىرى 20 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 64 مىليارد 598 مىليون يۈەن بولدى؛ تۇرپان شەھىرى 16 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 43 مىليارد 224 مىليون يۈەن بولدى... ھەر كۈنى يۇقىرى پەللە مەزگىلى، ھەر كۈنى شانلىق پەيت بولدى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىر قاتار سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلىدۇ.
ئېچىۋېتىلگەن داغدام يولدا مېڭىپ، ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
پۈتۈن يەرشارىدىكى كاپىتال ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرى مەنپەئەت يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىپ، ئاخىرىدا تىجارەت- سودا مۇھىتى ياخشى بولغان بازارغا قاراپ ئاقىدۇ. كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۇغما ئىقتىدار ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كارخانىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بازارغا قاراپ ئىلگىرىلىتىدۇ.
يېقىنقى يىللادىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
«شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، بىراق شياڭگاڭ شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى قويۇق.» پۈتۈن شياڭگاڭ ھەرقايسى رايون سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ كەيشەن مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم زور ئۈمىدلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئېھتىياجىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدىم، بۇنىڭدىن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ئىزدەپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇم. شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تەشىۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شياڭگاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ھاياتىي كۈچكە تولدى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنىڭ جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇدى، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بۇ يەردە كېسىشتى. مەۋقەنى كېسىشىش نۇقتىسىغا قويۇپ، كۆرگەزمە ھەم قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيا بىلەن جۇڭگو پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، ھەم جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشتى.
2017- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ۋىيېنتيان شەھىرىنى چۆرىدىگەن ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجرا قىلىپ، لائوسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مۇقىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يەنە بىر قېتىم لائوس بىلەن ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
«ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر جۇڭگو كارخانىلىرى، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ لائوسقا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.» لائوس ئېنېرگىيە كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاساۋىن بانگوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيا- ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنى قىممەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يىپەك يولى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئېچىۋېتىش يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى
پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى. مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان «چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرى»، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «سەرخىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق» كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، جۇڭگو شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پەقەت شامال گېنېراتورىنىڭ مودېلىنى كۆرگەزمە قىلالىدى، چۈنكى ئەمەلىي شامال گېنېراتورىنىڭ يەككە ياپراقچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 مېتىر بولۇپ، 40 قەۋەتلىك ئېگىز بىناغا باراۋەر كېلىدۇ، يەككە گېنېراتورنىڭ سىغىمى 18 مېگاۋات بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە قۇراشتۇرۇلغان يەككە گېنېراتور سىغىمى ئەڭ چوڭ شامال گېنېراتورى ھېسابلىنىدۇ.
«چاقپەلەك بىر ئايلانسا، شامال يەتكۈزۈش كۆلىمى يەتتە يېرىم پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 40 مىڭ ئاھالىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ كەسىپ مەسئۇلى جاڭ يىڭ.
جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۆپ خىل قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى، لىم ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى، تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ لىمىنى ئالماشتۇرۇش- توشۇش جازىسى بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا قاتارلىق ماشىنىلارنىڭ مودېلىنى كۆرگەزمە قىلدى.
ھەم «چوڭ ۋە كۈچلۈك»لۈك بار، ھەم «كىچىك ۋە نەپىس»لىك بار.
بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، تىزگىنەكلىك بىر تازىلىق ئاپتوموبىلى كىشىلەر ئارىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتەتتى. «ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولغىنى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدىكى 100دىن ئارتۇق شەھەر ھەمدە مەملىكەت سىرتىدىكى 20دىن ئارتۇق دۆلەتتە كەڭ قوللىنىلماقتا.» بېيجىڭ جىشىڭجې پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى شۈ ماۋ مۇنداق دېدى: تازىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ كەينىدە، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان «يۇمشاق، قاتتىق دېتال + بۇلۇت تېرمىنالى» شوپۇرسىز چوڭ مېڭە تېخنىكىسى بار.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتماقتا.
ۋولۇڭ ئېلېكتىر قوزغىتىش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا قويۇلغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ تازىلايدىغان «چاڭ- توزان تازىلىغۇچ» بار ئىدى. «دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي شىمال رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قۇم بوران، چاڭ- توزان بۇلغىمىلىرىنىڭ ھەممىسى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ كەسپ دىرېكتورى گو باۋيۈ مۇنداق دېدى: «بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇر ھالقىيدىغان ماشىنا ئادەم ھەم ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تېجەپ قالالايدۇ، ھەم كېيىنكى باسقۇچتىكى يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراشتا ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىل كارخانىمىز شىنجاڭدا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى ھەم كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى سودىگەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرىدۇ».
«يېڭى»غا، «رەقەم»گە، «يېشىل»غا قاراپ ئىلگىرىلەش، بۇ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئەڭ يارقىن تەگ رەڭ.
ئۇرۇقلار چېچىلىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، مول مېۋە بەردى. بىر مەيدان كاتتا مەرىكە ئېچىۋېتىش- ئورتاق بەھرىلىنىش، ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش- يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنى يىپەك يولىنى بويلاپ يەرشارىۋى دولقۇنغا قوشۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)