​سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق تېخىمۇ تاكامۇللاشتى− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
21:18:58 2024-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق تېخىمۇ تاكامۇللاشتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لو شا، فەن سىشياڭ، چى چى

 تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگو دېموكراتىيەسىنىڭ يېڭى كەيپىياتى نامايان قىلىندى؛ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى... سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

 خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تۇراقلاشتى

 «بۇ بىر قالتىس تۈزۈم».

 بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى، 36 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىنىڭ نەنموفاڭ يېزىلىق قانۇن چىقىرىش ئالاقە پونكىتىغا كېلىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن چوڭقۇر ھاياجانلاندى.

 خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 2014- يىلى 9- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك.

 2021- يىلى 10- ئايدا، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ، پارتىيە تارىخىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، مۇھىم پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تۇراقلاشتى −

 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش تەرتىپى ئىخچاملاندى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ۋاقتى، تەرتىپى ۋە مەزمۇنى ئەلالاشتۇرۇلدى؛

 ۋەكىللەرنى سايلاشتا ئىستىل تېخىمۇ دۇرۇس، كەيپىيات تېخىمۇ توغرا بولدى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %16.69كە يەتتى؛

 ...

 دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك.

 دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىشقىچە، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىچە. يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكى تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى.

 قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، بارلىق رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرگە يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلدى؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاش مېخانىزمى ياخشىلاندى؛ پۇقرالارنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يولى كېڭەيتىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىدىن 45نى تەسىس قىلدى... قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى، ياخشى ئىدارە قىلىش كاپالەتلەندۈرۈلدى.

 خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن نوپۇزغا ئىگە، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان نازارەتچىلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ ۋە بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ، قوللاشنى نازارەتچىلىك داۋامىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

 دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس تۈردىكى خىزمەت دوكلاتى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى... دىققەت «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»گە بولغان نازارەتچىلىك تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، خامچوتنى تەكشۈرۈش- نازارەت قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تەشكىلىي شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ياخشىلىنىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ساھەلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر تەرەپتىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تۇتىشىدۇ، بىر تەرەپتىن يۈز مىليونلىغان ئاممىغا تۇتىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تۈزۈم كۈچى ئارقىلىق دائىمىي كومىتېت بىلەن ۋەكىللەرنىڭ، ۋەكىللەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتتى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت كومىتېتلىرى ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، كومىتېت باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، سىرداشتى... «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» ياخشى سېلىنىپ، «خەلق رايى كۆزنىكى» ياخشى بەرپا قىلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلىندى.

 سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدىن تۈزۈملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇلدى

 يان تېلېفوننى ئېچىپلا، ھەر ۋاقىت تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرەلەيدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلالايدۇ، تەكلىپ سۇنالايدۇ... بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى نۇرغۇن ئەزا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئايرىلالمايدىغان «ياردەمچى»گە ئايلاندى.

 ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ كېڭىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بارماق ئۇچىدىكى كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى بەرپا قىلىش يېڭى دەۋردىكى كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى.

 كېڭىشىش ئارقىلىق ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كەلگىلى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى.

 يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدىن تۈزۈملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ شەكلى كۈنسېرى بېيىدى، دېموكراتىيە يولى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دېموكراتىيەنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

 ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇلدى، توغرىلىرىنى ساقلاش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى −

 2019- يىلى 9- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ بۇرچ- ۋەزىپىسى، ئومۇمىي تەلىپى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى قۇرۇلدى، ساھە ئايرىمىسىدا «مۇھىت- بايلىق ساھەسى» كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە ئىككى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ، يېڭى قائىدىلەر چىقىرىلىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدە ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمە، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

 «قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى» تەسىس قىلىشتىن توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشقىچە، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىن مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنىغىچە، ساھە ئايرىمىسى بويىچە كېڭىشىش يىغىنىدىن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىغىچە... خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىشتە تەكلىپلەر تېخىمۇ جايىدا، پىكىرلەر تېخىمۇ ئورۇنلۇق، چارە- تەدبىرلەر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى تەركىبىدىكىلەر باشلامچىلىق بىلەن نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى، سىياسىي كېڭەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇردى، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئادا قىلدى، تەكلىپلەر ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى... كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

 پىكىر بايان قىلىش يولى كەڭ ئېچىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلۇپ، دېموكراتىيە روھى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەندى −

 باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش، ھۆكۈمەت كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كېڭىشىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈملەشكەن تۈرلۈك كېڭىشىش سۇپىلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك».

 2020- يىلى 8- ئايدا، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاش جەريانىدا، پارتىيەمىز بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدا تۇنجى قېتىم «توردا ئەقىل سوراش»نى قانات يايدۇردى.

 2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە قانات يايدۇرۇلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس تۈردە نازارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئېچىشنى ھاۋالە قىلىپ، مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سەمىمىي كېڭەشتى، ئۇلاردىن پىكىر ئالدى؛ دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار چوڭقۇر تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندى... سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىشىدە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنى كاپالەت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، يۈرۈشلەشكەن مېخانىزمنى قوشۇمچە قىلغان تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

 2019- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھويلا كېڭىشىش زالى»غا كىرىپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «<ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر كېڭىشىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر بېكىتىش> مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، مەھەللە ئىدارە قىلىش ۋە مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق».

 خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق ئوتتۇرىغا قويۇش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق كېڭىشىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق قارار قىلىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق بېجىرىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق باھالاش... مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىلىنىش شەكلى.

 شەھەر- يېزا مەھەللىلىرىدىكى كەنت(ئاھالە) كېڭىشىش يىغىنى، دېموكراتىك سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى، دېموكراتىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، «ھويلا كېڭىشىش زالى» «مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئۆيى» «ئاھالىلەر ئاقىللار ئۆمىكى» قاتارلىق كېڭىشىش سۇپىلىرى بەرپا قىلىندى... تۈرلۈك ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا كونكرېت، رېئال ئەمەلىيلەشتۈردى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە خىزمىتى خەلق رايىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ماس كەلدى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى تېخىمۇ ئۈزۈل- كېسىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىندى.

 قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى

 «ماقۇللاندى!» بۇ يىل 3- ئاينىڭ 11- كۈنى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنى ماقۇللاندى.

 يولغا قويۇلغىنىغا 40 نەچچە يىل بولغان گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش قانۇنچىل ھۆكۈمەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قارىتا بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قارار چىقىرىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قارار چىقىرىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 2020- يىلى 11- ئايدا، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

 2018- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمىتى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق، ماس ئالغا سىلجىتىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى، ئۆلكە(شەھەر، ناھىيە)نى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتلىرى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى جايلارنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى... پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

 «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى(2021- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» «قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2020- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ «ئاساسىي رامكا» قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

 يېڭى جۇڭگودىكى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن − ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشتىن، مۇھىت قوغداش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا دائىر قانۇن تورىنى زىچ توقۇشقىچە؛ شىركەت قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى تۈزۈپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە دائىر مۇھىم تەدبىرلەرگە كاپالەتلىك قىلىشقىچە...

 قانۇن چىقىرىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش رىتىمى تېخىمۇ تېزلىتىلدى، سۈپىتى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى. 2024- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇن 302 بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.

 ئادىللىق، ھەققانىيلىق خەلقنىڭ ئارزۇسى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي- قانۇن سېپىدىكىلەر توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن يىل ئويلىغان، نۇرغۇن يىل سۆزلىگەن بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىسلاھاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

 دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «دېلو بولسىلا جەزمەن تۇرغۇزۇش، دەۋا بولسىلا جەزمەن قوبۇل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇنۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «قاراپ چىققۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم چىقارغۇچى مەسئۇل بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆك جىلتۇ دېلوسى، نيې شۇبىن دېلوسى قاتارلىق بىر قاتار زور ناھەق، خاتا دېلولار قانۇن بويىچە تۈزىتىلدى... قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىدا ھالقىلار بىر- بىرىگە زىچ باغلاندى، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتى.

 «كىم ئۆلۈپ كەتسە ياكى يارىلانسا شۇنىڭ يوللۇق بولۇش» تۈزىتىلدى، دەۋادىكى «ساھىبخانا تەرەپ، مېھمان تەرەپ» مەسىلىسى ھەل قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى... ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن باشلاپ ئۆزگەرتىلىپ، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى.

 قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

 «ھوقۇق تىزىملىكى» «مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» تۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ چەك- چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ، «مۇقىم مۈلكى بارلار قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، «غەلىتە ئىسپات» ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ئاممىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى... يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلىنىش مۇساپىسىدە، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

 «كىم قانۇن ئىجرا قىلسا شۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، يېزىلارنىڭ «قانۇننى بىلىدىغان كىشىلەر» بىلەن قاپلىنىشى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولدى، 7- بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، 8- بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەندى... قانۇن ئىدارە قىلىش نۇرىدا، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات پۇختا تۇرغۇزۇلدى.

 يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى قانۇن سىستېمىسىدىن قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنچىللىق سىستېمىسىغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش مۇقەررەركى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125