6- ئاينىڭ 29- كۈنى، چوڭ تىپتىكى سەنئەت ئويۇنى «قەشقەر قەلبى»نىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئويۇنى مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا قويۇلدى.
چوڭ تىپتىكى ئويۇن «قەشقەر قەلبى»دە «يىپەك يولى مۇھەببىتىنى قايتا نامايان قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، مەدەنىيەت، تارىخ، مۇزىكا- ئۇسسۇل ۋە پەن- تېخنىكا قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلۇپ، باش ئىجادىيەت كوللېكتىپىنىڭ ئىلغار ئىجادىيەت ئىدىيەسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسسۇل گۈزەللىكى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق، يىپەك يولىنىڭ تارىخىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئويۇن ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى جەلپكارلىقىنى تونۇتتى. ئويۇن قويۇش جەريانىدا «يېڭىلىق يارىتىش+ مەزمۇن+ پەن- تېخنىكا+ ئورۇنلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىپ، تارىخىي گۇمانىتارلىق، زامانىۋى پەن- تېخنىكا يېڭىلىقى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ئورۇنلانغان بولۇپ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قويۇلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى چېڭ چيەن مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەلبى» ئويۇنى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ھەر قېتىم كۆرسەم ئوخشىمىغان تەسىراتقا ئىگە بولىمەن. بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى مەيداننى كۆردۈم، بۇ ئويۇنغا كۆزۈم قىيمايدۇ، لېكىن مەن يەنە «ھاياجانلىق قەشقەر»نىڭ ماڭا يېڭى خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئويۇننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تاماشىبىنلار بەس- بەستە بۇ سەھنە ئەسىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قىيمايدىغانلىقىنى ھەمدە پات ئارىدا قويۇلىدىغان «ھاياجانلىق قەشقەر» ناملىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سەھنە ئەسىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
قەشقەر قەلبى ئويۇنىنىڭ ئارتىسى لو نا مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئارتىس ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئويۇننى تاماملىدى، ئارتىسلارنىڭ روھى ھالىتى ناھايىتى ياخشى، بىز داۋاملىق تۈردە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «ھاياجانلىق قەشقەر» ناملىق ئويۇننى ئەستايىدىللىق بىلەن قويىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «ھاياجانلىق قەشقەر» ناملىق ئويۇن 7- ئاينىڭ 15- كۈنى رەسمىي قويۇلىدىكەن. بۇ ئويۇن ئۇسسۇل شەكلىدە نامايەن قىلىنىپ، تىياتىر شەكلىدە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇكەممەل بىر ھېكايىنى بايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا پۈتۈنلەي يېڭى قەشقەرنى نامايەن قىلىدىكەن.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى : قەلبىنۇر، چىن چىچى)
نەق مەيدان سۈرەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ