قان شېكىرىڭىز يۇقىرىمۇ؟ پەقەت قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرگىلا تايىنىپ قۇتقۇزۇشنى ئويلىماڭ!
12:11:44 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دىيابېت كېسىلى بىر خىل ئۆمۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، گىرىپتار بولغاندىن باشلاپ قان شېكىرى بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى قەرەللىك، مۇقىم ۋاقىتتا يېيىش قان شېكىرىنى كونترول قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ۋەزىپە. نۇرغۇن كىشى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 قېرىقىز

نۇرغۇن كىشى قېرىقىز يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ دېيىشىدۇ.

قېرىقىزنىڭ يىلتىز قىسمىدا جۈخارگۈل شېكىرى، ئاقسىل، ۋىتامىن، كاروتىن ۋە يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، بىز بازاردىن سېتىۋالالايدىغان كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. ئەمما قېرىقىز قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ دېيىشتە ئېيتىلغىنى ئەمەلىيەتتە قېرىقىز مېۋىسى بولۇپ، بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تۈگۈنەك غولسىمان كالا يىلتىزىغا ئوخشىمايدۇ. قېرىقىز مېۋىسى قېرىقىزنىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان مېۋىسى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورىگەرلىك قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن، تەمى ئاچچىق، قىرتاق، تەبىئىتى سوغۇق، ئۆپكە، ئاشقازان تومۇرلىرىغا كىرىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، يۇتقۇنچاق- كېكىردەكنى تازىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، ئەسۋىنى تازىلاش، ئاغرىق توختىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. دورا قىلىشقىمۇ، يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ساقلىقنى ساقلاش قىممىتى يۇقىرى.

كىلىنىكىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قېرىقىز دىيابېت ئاغرىقلىرىغا قارىتا قانائەتلىنەرلىك قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، گلۇكاگونسىمان پېپتىد- 1نىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا شېكەرگە بولغان چىدامچانلىقنى ياخشىلايدىكەن ۋە شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قېرىقىز مېۋىسى بۆرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، دىيابېت كېسەللىكىدىن بولغان بۆرەك كېسەللىكىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىيابېت كېسەللىكىدىن بولغان كۆرۈش تور پەردىسى سۇلۇق ئىششىقى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىشنىمۇ ياخشىلاش رولىغا ئىگە ئىكەن.

قېرىقىز مېۋىسى گەرچە قان شېكىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، لېكىن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشتە ئۇنى پۈتۈنلەي دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى قوشۇمچە ئىستېمال قىلىپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كەلسە، كەسپىي داۋالاش خادىملىرىنىڭ كۆرسەتمىىنى ئاڭلاش كېرەك.

 كاۋا

«كاۋا دىيابېت كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ» دېگەن گەپ ئىلگىرى بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن دىيابېت ئاغرىقى كاۋىنى «توپ» سېتىۋېلىپ ئۆيىدە ساقلاپ، ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ يەيتتى. بەزى سودىگەرلەر كاۋىنى شامالدا قۇرۇتۇپ كاۋا تالقىنى تەييارلىغان ھەم دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش مىقدارى ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن، كۈندە ئۈچ قېتىم بولىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇنداقتا كاۋا زادى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ- يوق؟ كاۋا قاپاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك مېۋىسى بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇقشۇناسلىقىدا مۇنداق قارىلىدۇ: كاۋا تەركىبىدە بىر قەدەر مول ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، مەسىلەن، كۆپ خىل ۋىتامىن، تۇراقلىق مىقدارلىق ئېلېمېنت (كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلار)، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت (تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلار). كاۋا تەركىبىدە شېكەر ۋە ئېنېرگىيە بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى (GI) 75. يەنى، كاۋا ئاشقازان- ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىنىشى تېز، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، گىلۇكوزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، قانغا كىرگەندىن كېيىنكى چوققا قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

كاۋا تەركىبىدىكى كاۋا پولىساخارىدىنى ھايۋاناتلاردا تەجرىبە قىلىپ مەلۇم مىقداردا ئىشلەتكەندە، ئاللوكساننىڭ تەسىرىدە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىچىك چاشقاننىڭ قېنىدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكەن، ئۇنىڭ مېخانىزمى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇش بولغان. ئەگەر كاۋا پولىساخارىد ئارقىلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولساق، قانچىلىك كاۋا ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مىقدارىنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام بولسا، تەجرىبىدىكى مىقدار بويىچە نەچچە كىلوگرام پولىساخارىد يېيىشىگە توغرا كەلسە، بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ يەنە بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاشقانغا بېرىلگەن كاۋىنىڭ پولىساخارىد مىقدارى ھەر كىلوگىرامىدا 500 گىرام ۋە ھەر كىلوگىرامىدا 1000 گىرام بولۇپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى %80كە، ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى %70كە يەتكەن. يەنە بەزى خەۋەرلەردە 1000 توننا كاۋىدىن 5 توننا كاۋا پولىساخارىد ئايرىۋالغىلى بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

كاۋىنىڭ تەمى تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي شېكەر مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، 100 گىرام كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئاران 5.3 گىرام، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ مىقداردا مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، بىر خىل ئېرىشچان تالا ھېسابلىنىدۇ، كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاشقازاندىكى ماددىلارنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ. شۇڭا، دىيابېت ئاغرىقلىرى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىك ( گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلار)نىڭ ئورنىدا ھەر كۈنى 200 گىرامدەك كاۋا يەرپ بەرسە بولىدۇ. ئەمما كاۋا نېمىلا دېگەن بىلەن تەركىبىدە شېكەر بولغان يېمەكلىك بولۇپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇشۇڭا، كاۋىنى چەكلىمىسىز كۆپ مىقداردا يېيىشكە ياكى كاۋىنىلا يەپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان مۇنتىزىم دورىلارنى ئىچمەسلىككە بولمايدۇ.

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان باشقا يېمەكلىكلەر

ئاچچىق كاۋا، تەركىبىدە ئىنسۇلىنغا ئوخشاش تەركىبلەر بولۇپ، قان شېكىرىنى روشەن كونترول قىلىش رولىغا ئىگە، گىلۇكوزىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يولىدا ئاسان پارچىلىنىدۇ.

خاڭگا، سۇ تەركىبى يۇقىرى، يەنە ۋىتامىن C، سەۋزە ماددىسى قاتارلىقلار مول، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، شېكەر تەركىبى ئاز بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى ھەيدەش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

شوخلا، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن بار، بەزى دىيابېت ئاغرىقلىرى قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالماي، تەركىبىدە شېكەر بولغان مېۋىلەرنى يېيەلمەيدۇ، بۇ چاغدا پەمىدۇر ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شېكەر تەركىبىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ.

پالەك، تەركىبىدە ئىنسۇلىنغا ئوخشاش ماددا بولۇپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

سۇلۇ، تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە سىنك مول بولۇپ، بۇ تەركىبلەر شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشەش رولىغا ئىگە، ئومۇمىي خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېرىشچان تالالار ئۈچەينىڭ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى پارچىلاش ۋە قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

قارا بۇغداي، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدىكى لىزىن كىسلاتاسى، يەنە فىلاۋون بار بولۇپ، شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ناھايىتى ياخشى، قارا بۇغداي مومىسى، قارا بۇغداي چۆپى قاتارلىقلارنى شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا  دائىم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

سامساق، تەركىبىدە سېلېن مول بولۇپ، ئىنسۇلىن بىرىكتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

خەيدەي، تەركىبىدە %60 فۇكوپولىساخارىد بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك تالاسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشى ۋە يېمەكلىكنىڭ ئىنچىكە ئۈچەيدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كونترول قىلىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

مەيلى قېرىقىز، كاۋا ياكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار باشقا يېمەكلىكلەر بولسۇن، دىيابېت ئاغرىقلىرىغا بەلگىلىك پايدىسى بار، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەرنى پۈتۈنلەي دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ۋە داۋالاشقا بولمايدۇ، مەسئۇل دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك، لېكىن ھەرگىزمۇ ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125