شى جىنپىڭ ئاستانىغا يېتىپ باردى
21:02:56 2024-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى

شى جىنپىڭ ئاستانىغا يېتىپ باردى

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بويىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاستانىغا يېتىپ باردى. توقايېف ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ما جېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بويىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاستانىغا يېتىپ باردى.

 شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان قازاقىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.

 مەخسۇس ئايروپىلان ئاستانىدىكى نەزەربايېف خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ھۆكۈمەتنىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى سېكلىيار، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نۇرتېليوف، زۇڭتۇڭنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى كاجىيقان، ئاستانا شەھىرىنىڭ باشلىقى قاسىمبېك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. چىرايلىق كىيىنگەن قازاقىستانلىق قىز شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.

 توقايېف ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 100دىن ئارتۇق ھۆرمەت قاراۋۇلى مەردانە، رەتلىك ئىدى، ھەربىي ئوركېستىر قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ۋە مېھمان كۈتۈش بۇرغىسىنى ياڭراتتى. قازاقىستانلىق 100گە يېقىن بالا قوللىرىدا جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «ياخشىمۇ سىز» دەپ تەنتەنە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

 شى جىنپىڭ توقايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. قازاقىستانلىق ئون نەچچە ئۆسمۈر- بالا «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى جۇڭگو تىلىدا ئېيتتى.

 شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، دوستانە قازاقىستان خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- قازاقىستان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، تەڭداشسىز بولغان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئۆزئارا قوللاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. 11 يىل ئىلگىرى، مەن قازاقىستاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، بۇ مۇھىم كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدا يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

 جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

 شى جىنپىڭ ئايروپورتتىن ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزى چۈشىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساقلاپ تۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان قىزىل رەڭلىك پىلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئاستانىغا يۈرۈپ كەتتى.

 شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125