شى جىنپىڭ ئامېرىكا ياش- ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى
21:35:38 2024-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ياش- ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگونى ھېس قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگونى بىلىپ، جۇڭگودىكى ياش- ئۆسمۈرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ياخشى ھەمراھلاردىن، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئامېرىكا ياش- ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ يەتتە ئىشتاتىدىكى جەمئىي 14 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تەخمىنەن 190 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى تەكلىپ قىلغان ھەم كۈتۈۋالغان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125