ما شىڭرۇي شىخەنزە شەھىرىدە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
21:49:24 2024-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىڭتۇەننىڭ ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

7- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىدا تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ئىقتىدارى، قوللىنىش ساھەسى، بازار ئىستىقبالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7- ئاينىڭ 2- كۈنى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى پائال يېتىلدۈرۈپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىخەنزە شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز تىرانسپورت ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ما شىڭرۇي نەق مەيدانغا كېلىپ، بازا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەردىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى، ئەمەلىي قوللىنىش ساھەسى، بازار ئىستىقبالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى يېڭى ھاۋا يولىنى ئېچىش؛ چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئەسى ۋە ئوتلاق باشقۇرۇش- قوغداش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ما شىڭرۇي جۇڭشىنجيەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھىغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى تىجارەت باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى، بىڭتۇەندىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەمنى سىجىل زورايتىپ، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى تەكىتلىدى.

 شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپى ئالاقە تورى تىجارەت سۇپىسى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى تۈرى بۇلتۇر 9- ئايدا شىخەنزە شەھىرىدە توردا يۈرۈشتۈرۈلدى. ما شىڭرۇي تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، پاختا يىپ قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ تور سودىسى تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۇپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى سەۋىيەسى ۋە كارخانىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇپىنىڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تىيانشان ئاليومىن گۇرۇھى ۋە داچۈەن ئېنېرگىيە شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، كونترول مەركىزى قاتارلىقلارغا كىرىپ، تىجارەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈردى، كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، بازارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تىجارەت تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، غەربكە يۈزلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازارلىرىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تەلەپ قىلدى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى نىشانلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسى قاتارلىقلارغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تۈۋرۈك كەسىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە يارىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى، ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىدىكى يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 قادېن كەبىن، خا زېڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125