شىنجاڭغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4- تومىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، قازاق تىل- يېزىقى، موڭغۇل تىل- يېزىقى نۇسخىسىدىكى 70 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ھەدىيە قىلىندى
10:33:20 2024-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، مىللەتلەر نەشرىياتى شىنجاڭغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4- تومىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، قازاق تىل- يېزىقى، موڭغۇل تىل- يېزىقى نۇسخىسىدىكى جەمئىي 70 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ھەدىيە قىلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4- تومىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر.

كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 2- ئايدا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4- تومىنىڭ موڭغۇل تىل- يېزىقى، زاڭزۇ تىل- يېزىقى، ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، قازاق تىل- يېزىقى، چاۋشيەن تىل- يېزىقى قاتارلىق بەش خىل مىللەت تىل- يېزىقى نۇسخىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دىلمۇرات ئىبراھىم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كىتاب ھەدىيە قىلىش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بۇ ئەڭ يېڭى دەرسلىكنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككىنى تىكلەش»نى ئاڭلىق ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125