«يېقىشلىق <سۆز>لەر− شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (قازاق تىل- يېزىقى نۇسخىسى) قازاقىستاندا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى
10:38:50 2024-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لە − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (قازاق تىل- يېزىقى نۇسخىسى)نىڭ كۆرسىتىلىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما قازاقىستان زۇڭتۇڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قارىمىقىدىكى يىپەك يولى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاتامېكىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.

«يېقىشلىق <سۆز>لەر− شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى(قازاق تىل- يېزىقى نۇسخىسى)دە دىققەت ئورتاق بېيىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى، چوڭقۇر ئادىمىيەت ھېسسىياتى ھەمدە ئەتراپلىق بولغان چوڭ تارىخ قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئاجايىپ نامايان قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125