«بىز سىزنى سۆيىمىز!»
10:47:57 2024-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− قازاقىستان ئۆسمۈرلىرى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق خورنى ئېيتىپ شى بوۋىسىنى قارشى ئالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، جاۋ يەن

7- ئايدىكى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.

7- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بۇ جايغا يېتىپ كەلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

ئەزىز مېھمانلار بىناسىنىڭ چوڭ زالىدا، قازاقىستانلىق ئون نەچچە ئۆسمۈر ئالاھىدە شەكىل ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى.

«جەۋلان قىلار بەشيۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇقەدەر ياڭراق. سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز، گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا ماڭىمىز ھەرۋاق...»

ئازادە، يورۇق چوڭ زالدا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايراقلىرى كىرىشتۈرۈپ تىزىلغانىدى. قىزىل رەڭلىك گۈل كەشتىلەنگەن ئاق رەڭلىك كىيىم كىيگەن ھەم قىزىل رەڭلىك بەلباغ تاقىغان قازاقىستان ئۆسمۈرلىرى يېرىم چەمبەر شەكلىدە چۆرىدەپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ياڭراق ناخشىسى ئارقىلىق سۆيۈملۈك شى بوۋىسىنى قارشى ئالدى.

«كەزدۇق تاغلارنى، كەزدۇق تۈزلەڭنى، كەزدۇق ئۆركەشلىگەن خۇاڭخې- چاڭجياڭنى. بىپايان، گۈزەل زېمىن، بىزنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتىمىز...» بالىلارنىڭ چىن يۈرىكىدىن ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېف بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدى.

«ياخشى!» ناخشىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا بالىلار ئۈچۈن چاۋاك چالدى.

«ھۆرمەتلىك شى جىنپىڭ بوۋا، ياخشىمۇ سىز! سىزنىڭ قازاقىستان ئاستانىغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» بۇ يىل ئون ياشقا كىرگەن قازاقىستانلىق قىزچاق تاليا بىلەن ئوغۇل بالا ئەمىرقان ئۆلچەملىك جۇڭگو تىلىدا رەئىس شى جىنپىڭغا سالام بەردى. «سىزنى كۆرگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمىز، بىز سىزنى ياخشى كۆرىمىز!» ئۇلار بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن شى بوۋىسىغا قىزغىنلىق بىلەن قارىدى.

«رەھمەت سىلەرگە!» رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا بالىلارغا شۇنداق دېدى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئىلگىرى جۇڭگودا ئوقۇغان، جۇڭگو تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان زۇڭتۇڭ توقايېفقا بۇرۇلۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ناھايىتى ئۆلچەملىك سۆزلىدى».

«جۇڭگو تىلىنى قەيەردە ئۆگەندىڭلار؟» رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن بالىلاردىن سورىدى.

«مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا جۇڭگو تىل- يېزىقىنى ئۆگەنگەن، چۈنكى چوڭ بولغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى چىڭخۇا داشۆگە بېرىپ ئوقۇغۇم بار.» تاليا يۇقىرى ئاۋازدا شى بوۋىسىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئېيتتى. ئەمىرقانمۇ شۇ ھامان شى بوۋىسىغا مۇنداق دېدى: «مەن ئاستانىدا تۇغۇلغان، چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇش مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم. مېنىڭ پىروگرامما لايىھەلەشنى ئۆگەنگۈم بار».

رەئىس شى جىنپىڭ بالىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى داشۆلەردە ئوقۇشۇڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن».

«رەھمەت شى بوۋا! بىز سىزنى سۆيىمىز!»

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125