ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ساتارنىڭ تارىسى» كوزىچى يار بېشى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا ئورۇنلاندى
11:00:45 2024-07-05 قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 6- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە، ھازىرقى زامان مۇقام مۇزىكا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ساتارنىڭ تارىسى» قەشقەر كوزىچى يار بېشى ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىدىكى دالا تىياتىرخانىسىدا قايناق ھېسسىياتتا ئورۇنلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

图片

 مۇقام سەنئىتى − ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال كىلاسسىك مۇزىكا سەنئىتى شەكلى. «ئون ئىككى مۇقام» 2005- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۇنچۈ تىياتىرى، قالۇن سەنئىتىدىن كېيىنكى 3- تۈرلۈك دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلانغان.

图片

 «ساتارنىڭ تارىسى» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىردا «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىسىنى ۋاسىتە قىلىنىپ، ئەسلىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەدەبىيات، تىياتىر قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىدە چوڭقۇر، لىرىك كىلاسسىك داستان ناخشىلىرى، قىزغىن، شوخ خەلق ئۇسسۇل- مۇزىكىلىرى، راۋان، گۈزەل ھېكايە سۆزلەنگەن بىر گۇرۇپپا ناخشىلار ئورۇندىلىپ، مۇزىكانت ئاماننىساخاننىڭ ھېكايىسى بايان قىلىندى، بۇ تىياتىرغا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش مۇقام سەنئەتكارلىرىدىن 24ى قاتناشقان بولۇپ، ھازىرقى دەۋرنىڭ مۇقام سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈلمەس ھاياتىي كۈچى ئىپادىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تىياتىرغا زامانىۋى كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلەش، سىن ئىجادىيىتى، چىراغ نۇرى، ئۇسسۇل گۈزەللىكى قاتارلىق شەكىللەر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، كوزىچى يار بېشى ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىدىن ئىبارەت بۇ «خەلق ئۆرپ- ئادەت مۇزېيى»نىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، نەق مەيداندىكى ھەربىر تاماشىبىننى 12 مۇقام سەنئىتىدىن ھەقىقىي ھۇزۇرلاندۇردى.

图片

 «ساتارنىڭ تارىسى» ناملىق ھازىرقى زامان مۇقام مۇزىكا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنى ئىشلىگۈچى ما شىڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، «ساتارنىڭ تارىسى» ناملىق ھازىرقى زامان مۇقام مۇزىكا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى كوزىچى يار بېشى ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىدا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى قويۇلىدۇ، بۇ تىياتىردا 12 مۇقام سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى رەتلىنىشتىن تارتىپ بىر قاتار تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلىنىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ۋە يۇغۇرۇلغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مۇزىكا ئىشلەش، كىيىم- كېچەك، كۈسەن مۇزىكىسىدىن تارتىپ مۇقام ئورۇنداشقىچە بولغان جەريانغا نۇرغۇن ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان تارىخى دەۋردىكى ئامىللار سىڭدۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ تىياتىرغا يەنە ياش رېژىسسورلىرىمىزنىڭ كىيىم- كېچەك، مۇزىكىغا بولغان بىر قىسىم زامانىۋى يېڭىلىقلىرىنى قوشتۇق.

图片

 ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار چىرايلىق كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۆزگىچە ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ماھارىتى بىلەن ھەر قايسى مۇزىكا ئورۇندىغۇچى سەنئەتكارلارنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىغا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر بىر ھەرىكىتىدە سەنئەتكارلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مۇقام سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلدى. مۇزىكا رىتىمى، مېلودىيە، ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ماھارىتىدە دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر ئاساسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ناخشا- ئۇسسۇل، مۇزىكا يۇغۇرۇلغان سەنئەت شەكلى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

图片

图片

 فۇجيەنلىك ساياھەتچى ۋۇ جيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىپەك يولى سەپىرىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈننى مۇشۇنداق گۈزەل ئويۇننى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، ھەر بىر ئارتىسنىڭ قولىدىكى چالغۇ خۇددى ئۇلارنىڭ روھىغا ئوخشايدىكەن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ماھارىتى شۇ چالغۇلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيە نامايان قىلىنىپتۇ، شۇڭا مېنىڭچە بۇ خىل ئويۇن ناھايىتى نادىر ۋە ياخشى بولدى، ناھايىتى قالتىس ھېس قىلدىم.

图片

 ئىگىلىنىشىچە، «ساتارنىڭ تارىسى» ناملىق ھازىرقى زامان مۇقام مۇزىكا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى 6- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى كوزىچى يار بېشى ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىدا قويۇلىدىكەن. مۇقام سەنئىتى نامايان قىلىنىشتىن باشقا يەنە قەشقەر خەلق ناخشىسى، مەشرەپ قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھى نامايان قىلىنىدىكەن.

 (قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى : مەرھابا، مەمەتساۋۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125