شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن بىرلىكتە سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو − ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى
22:07:31 2024-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ئەن شياۋمېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن بىرلىكتە ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو − ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ۋە توقايېف جۇڭگو − ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورت تۈرىنىڭ سىنىنى كۆردى. قازاقىستان تەرەپنىڭ تۈر مەسئۇلى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا تەييارلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈر مەسئۇلى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنى بۇيرۇق بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

 ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «يولغا چىقسۇن!» دەپ مەشغۇلات بۇيرۇقى بەردى.

 ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى چوڭ ئېكران ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنى پاراخوتقا چىقىرىش، يۈك ساندۇقلىرىنى پاراخوتقا قاچىلاش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆردى. نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ ئاپتوموبىللىرى تۇنجى قېتىم تاشيول ئارقىلىق بىۋاسىتە يەتكۈزۈش تىرانسپورت شەكلىدە كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى پورتقا يېتىپ باردى، جۇڭگودىن يولغا چىقىپ كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مۇقىم يۈرۈشۈۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، بۇ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇش بىرگەۋدە قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك، ئىستېرېئولۇق بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ رەسمىي بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125