ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئىران دۆلەت مەنپەئىتىنى بېكىتىش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدا كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىراننىڭ قويۇق ئالاقىسى قەدىمىي يىپەك يولى سەۋەبىدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنىڭ سىجىل زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىران بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە بوشلۇققا توغرا كەلدى. يېقىندا ئىران 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسى، خەۋپسىزلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەككە تەرەپلىك چەكلىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئىككى تەرەپ دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلە. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ھەدەپ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا جۇڭگوغا بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونى ئەيىبلەپ، يالغان- ياۋىداق سۆز ۋە بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاساسسىز چەكلەشنى يولغا قويدى، بۇ ئۇسۇللارنىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق. جۇڭگو شىنجاڭ ئىران تەرەپ بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد- سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
ئىران دۆلەت مەنپەئىتىنى بېكىتىش كومىتېتى سىياسىي، دۆلەت مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىزامىپۇر مۇنداق بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى، ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭمۇ ئۇزاق ئالاقىلىشىش تارىخى بار. شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن ئاسىيا − ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئېلىپ بارىدىغان كۆزنەك ۋە مۇھىم يول. ئىران ئىران − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىدۇ، بۇ ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزئارا دوستلۇقتىن كەلگەن. ئىككى تەرەپ تېررورىزمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق كۆلىمىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا سىجىل مۇلازىمەت قىلىدۇ.
چېن ۋېيجۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.