ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
22:43:31 2024-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باش شۇجىسى بادا ھەم ئۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، مىللەت كۆپ، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بايلىقى، ئېچىۋېتىلگەن رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى روشەن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ھازىر ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جۇڭگو شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭمۇ چاد بىلەن بولغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 بادا چادنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مىللەتلەر خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قېزىلما بايلىق، نېفىت، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. چاد جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چادقا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

 چېن ۋېيجۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125