7- ئاينىڭ 5- كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا رەڭدار لېنتا ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرى گۈل- چېچەكلەرگە تولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھەممە يەردە كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتىدە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ يارقىن ئاساس رەڭگىنى جۇلالاندۇردى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې خەۋىرى ۋە فوتوسى
7- ئاينىڭ 5- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا ئەتىگەنلىك چىنىقماقتا.
7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدىكى لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.
7- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا نومۇر ئورۇندىماقتا.
7- ئاينىڭ 4- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)