شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى
18:29:15 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ شياۋگۇاڭ، خەن مو، ياڭ يىجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، ئىراننىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى موخبېر ۋە ھىندىستان ۋەكىلى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

 شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.

 شى جىنپىڭ سۆزىدە قازاقىستاننىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغان مەزگىلدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقى ۋە مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، بېلارۇسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قېپقالغان قارشىلىشىش ۋە بۆلۈنۈش تېخى تۈگىمىگەنىدى. بۇ تەشكىلاتنى قۇرغۇچى ئەزالار تارىخىي تاللاش قىلىپ، تىنچلىق، تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، قوشنىلار ئىناق- دوستانە ئۆتۈش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى، «شاڭخەي روھى» ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت فاڭجېنىغا ئايلاندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ 23 يىلدىن كېيىن، ئەزا دۆلەتلەر كۆپىيىپ ئونغا يەتتى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 26 دۆلەتنى قاپلىدى، ھەمراھلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇشى دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

 سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، بىز خەۋپسىزلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ، چىگىش خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، تەڭ نەپ ئېلىش تەپەككۇرى ئارقىلىق چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان خەلقئارا ئەندىزىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىز بولغان دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»تەك رېئال خەۋپ- خەتەر ئالدىدا، بىز تەرەققىيات ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 ئارىلىشىۋېلىش، بۆلگۈنچىلىك سېلىشتەك رېئال خىرىس ئالدىدا، بىز ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. قول تۇتۇشۇپ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، بىر- بىرىمىزنى قەتئىي قوللاپ، بىر- بىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىپ ئىچكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، بىز باشتىن- ئاخىر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنە، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىشىش يولى، ئادىل، ھەققانىي بولغان قىممەت ئىنتىلىشى، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك كەڭ قورساقلىقتا چىڭ تۇردۇق. بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ئورتاق ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇ تەشكىلاتنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، روناق تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىشەنچلىك تايانچسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 يىغىنغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىغا ئاكتىپ باھا بەردى، سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەھبەرلەر مۇنداق قارىدى: ھازىر، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋەزىيىتى ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەت زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركەزلىك ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، تېخىمۇ دېموكراتىك، ئادىل بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش- تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يەككە تەرەپلىك چەكلىمىگە قارشى تۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللاش، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىشنى قوللاشقا قوشۇلدى.

 ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ ئاستانا خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى تەستىقلىدى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پىرىنسىپى توغرىسىدىكى بايانات ھەم ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئالاقىدار بىر قاتار قارارلارنى ئېلان قىلدى.

 يىغىندا بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى تەستىقلاندى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125