شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان كوستاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
18:41:45 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان كوستاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانتونىئو كوستاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن- ئاخىر ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق ئەندىزىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ دەپ قارايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. مەن جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- ياۋروپانىڭ ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

 شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كوستاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125