شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى
18:53:59 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ئەن شياۋمېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023- يىلى، زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، بىز جۇڭگو- بېلارۇسىيە دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر قويۇق ئالاقىلەشتى، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوقۇم سىجىل، ساغلام، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىدۇ.

 لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەدە كۆرسەتكەن ماھارىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇ يەنە بېلارۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بېلارۇسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئورتاق ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇشنى قوللايدۇ. بېلارۇسىيە- جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125