باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
19:07:00 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە بويىچە «ئون تور» قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە بويىچە «ئون تور» قۇرۇلۇشى، شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن- جۇڭشەن يولىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، 2024- يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو- ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى، 2024- يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتى(تەبرىك تېلېگراممىسى)نىڭ روھىنى، ئامېرىكا ياش- ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەرگە قىلغان ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنىڭ روھىنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ياشلار ئالماشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىجىل تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە خەلقنىڭ مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كارخانا، ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، باشقۇرۇشقا، قاتتىق باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن»لىك ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى چىڭىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە بويىچە «ئون تور»نىڭ 2024- يىللىق يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئون تور»نى قۇرۇش شىنجاڭدا زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى كۈچلۈك تىرەك ۋە مۇھىم تۇتقا. «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاساس سېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، پىلانلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرى ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھازىر تەرەققىياتتىكى جىددىي ئېھتىياجلىق، خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا ئالاقىدار لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى قاتلامدىن بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شورلۇق يەرنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، شورلۇق تېرىلغۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايونغا، تۈرگە ئايرىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا لايىھەسىنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش ۋە بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تىزگىنلەش ئۇسۇلى كۆپ خىل، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ياخشى بولغان شورلىشىشنى تىزگىنلەش يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. شورلىشىشنى تىزگىنلەش ۋە خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شورغا چىداملىق زىرائەتلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125