ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش كېرەك
19:12:01 2024-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قېزىلما بايلىق تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئەھۋالى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن يىللىق ئىسلاھات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، يۈزەكى ئىش قىلماي، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۈرۈمچى، سانجى، قومۇل نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى تەرتىپىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇشى، ياخشىلىشى، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى داۋاملىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل تۈردە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ساياھەت تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك بوغما ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت قاتلىمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېزلىكتە ياخشى ھەل قىلىپ، ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تىرەك. دۆلەتنىڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم- ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە پۇل مۇئامىلە تەمىناتىنى بېيىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى پائال پىلانلاپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: 2024- يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھات نىشانى، ۋەزىپىسى، تەدبىرلىرىنى پائال پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125