شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
20:38:05 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى 

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، دىڭ دېچى، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

 شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، راخمان ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. 

 راخمان شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.    

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. راخمان شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ راخماننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

 ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ راخماننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، تاجىك تىلىدا: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر!» دەپ ئەھۋال سورىدى، ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تاجىك تىلىدا بىردەك: «ياخشىمۇسىز، رەئىس جانابلىرى!» دەپ جاۋاب بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى، ئارقىدىن بىرلىكتە مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. 

 قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىدە سۆھبەت ۋە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، تەقدىرداش. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، پۇختا سىياسىي ئاساسقا، مول ھەمكارلىق ئىچكى خاس مەزمۇنىغا، كەڭ خەلق رايى قوللىشىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر قاتار چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر، سىز جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى قارار قىلدۇق. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن كەچتە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مەن ئۈچۈن ئايروپورتتا ئەڭ ئالىي ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزغىن دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو- تاجىكىستان دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، تاجىكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو مەڭگۈ تاجىكىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى، يېقىن قېرىندىشى. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈزبەردى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە كۆلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە ياشلار، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ئاياللار، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئالتە دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىجادىيىتى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ ۋە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو- تاجىكىستان ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، كەڭ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. 

 راخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكى مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دوستانە يېقىن قوشنىلار ۋە سادىق دوستلار. مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاجىكىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىق داۋاملىشىپ كەلدى. تاجىكىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ۋە دۇنيا خەلقى قايىل بولغان دۇنيا دەرىجىلىك رەھبەر. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى ۋە دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش تاجىكىستان تەرەپنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سىياسەت يۆنىلىشى. تاجىكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، تاجىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇقەررەر تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. 

 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە نەچچە ئون تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. 

 شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ راخمان ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. 

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125