شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى
21:09:14 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى  (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، خەن لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، مەن جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.

 بايا، مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن مول مەزمۇنلۇق، مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. بىز بىرلىكتە قوشما بايانات ئىمزالاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن قول تۇتۇشۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. بىز 20دىن ئارتۇق ھۆكۈمەتلەر ئارا، تارماقلار ئارا ھۆججەت ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدۇق، بۇ، ئىقتىساد- سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، قېزىلما بايلىق، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا چېتىلىدۇ. جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى ئاچتى.

 مەن زۇڭتۇڭ راخمانغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بېرىپ، زۇڭتۇڭ راخماننىڭ جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسىنى تەقدىرلىدىم. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم چېگرا سىرتىدا ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭ راخمان ۋە بارلىق تاجىكىستان خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو مەڭگۈ تاجىكىستاننىڭ ئىشەنچىلىك دوستى، قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ھەمراھى ۋە يېقىن قېرىندىشى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاجىكىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ قېزىشىنى قوللايدۇ. قېزىلما بايلىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگو- تاجىكىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو- تاجىكىستان جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەركىزى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ئاياللار، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، بايرىقى روشەن ھالدا 3- تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى. ئىككى تەرەپ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئافغانىستانغا ئالاقىدار مېخانىزم ھەمكارلىقىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى سىغدۇرۇشچان ھاكىمىيەت قۇرۇش، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، قوشنىلار ئىناق، دوستانە ئۆتۈشنى يولغا قويىدۇ.

 ئىككى تەرەپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، كېلەر يىلى جۇڭگودا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. زۇڭتۇڭ راخماننىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو- تاجىكىستان كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ.

 راخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تاجىكىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. تاجىكىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىناق قوشنا، دوست، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى ھەمدە مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن ھەم كەلگۈسى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ ئالماشتۇرغان بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك كۈچەيتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، تاجىكىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. تاجىكىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا تىنچلىقنى سۆيىدۇ، تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز ھەممىمىز جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللەپ ياشنىشىغا گۇۋاھ بولىمىز.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125