شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى
21:21:13 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى  (مۇخبىرلار جېڭ كەيجۈن، شى شياۋمېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى.  

 زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئەينەكلىك زالى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى بىر- بىرىگە ھۆسن قوشقانىدى. قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» سۈرىتى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.  

 ھەيۋەتلىك مۇراسىم مۇزىكىسى ۋە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن راخمان بىرلىكتە زالغا كىرىپ، ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقتى.

 ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.               

 شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈن بىز داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى − تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان جانابلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى − «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردۇق. بۇ، جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم چېگرا سىرتىدا «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىشى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭ راخمان ۋە تاجىكىستان خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلىنغان ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ راخمان ياۋروپا- ئاسىيا رايونىدىكى نوپۇزلۇق رەھبەر ۋە سىياسىيون، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ۋە تۈرتكە بولغۇچىسى. زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق، يېڭى نىشان تۇرغۇزۇپ بەردۇق.   

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قىممەتلىك «دوستلۇق ئوردېنى»غا زۇڭتۇڭ راخماننىڭ جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.   

 ۋاڭ يى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش بۇيرۇقى»نى ئوقۇدى.   

 جۇڭگو تەرەپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى.

 شى جىنپىڭ راخمانغا ئوردېننى ئېسىپ قويدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.   

 ھەربىي ئوركېستىر تاجىكىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

 راخمان مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. راخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى − «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ شەرەپ تاجىكىستاندىكى بارلىق خەلقنىڭ تاجىكىستان- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ئۇلۇغ قوشنىسى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى. تاجىكىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھېچقانداق سىياسىي ئىختىلاپ ۋە ھەمكارلىق توسالغۇسى مەۋجۇت ئەمەس، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلغان. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو تاجىكىستاننى نۇرغۇن خالىس قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، تاجىكىستان خەلقى بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.   

 راخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى چوڭقۇر تارىخىي ئېنىق كۆز قاراش ۋە كەڭ يەرشارىۋى نەزەر دائىرىگە ئىگە ئۇلۇغ رەھبەر، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن يەرشارىۋى تەشەببۇس ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. تاجىكىستان تەرەپ داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي تاجىكىستان- جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر تاجىكىستان- جۇڭگو يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا داۋاملىق يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.

 ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئون نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.   

 سەي چى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125