ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «2024 − كوئېنلۇندىكى ئۆتكۈر شەمشەر» قوراللىق مەشىق مانېۋىرىنى يىراق مۇساپىلىك كۆردى
21:58:03 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «2024 − كوئېنلۇندىكى ئۆتكۈر شەمشەر» قوراللىق مەشىق مانېۋىرىنى يىراق مۇساپىلىك كۆردى 

 تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك 

 ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېقىندا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقتىن ئىبارەت بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارىنى يەنىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە «2024 − كوئېنلۇندىكى ئۆتكۈر شەمشەر» ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىرلەشمە قوراللىق مەشىق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىدى. ما شىڭرۇي مەشىق مانېۋىر پائالىيىتىنى يىراق مۇساپىلىك كۆردى ھەم خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە كۆردى. 

 ما شىڭرۇي كۆرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ئومۇمەن «تېررورلۇق» بولىدىكەن جەزمەن زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشى كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، مۇھىم پائالىيەت، مۇھىم تۈگۈن قاتارلىقلاردا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ياخشى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ۋەتىنىمىز چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشى كېرەك. 

 قوراللىق مەشىق مانېۋىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم جايىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم، چېگرا تەكشۈرۈش، گۇڭئەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەردىن جەمئىي 3000 كىشىلىك مەشىق قوشۇنى تەشكىللىنىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ۋە بىرونېۋىك، زەربىدار ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلۈك ئاپتوموبىللار ئىشقا سېلىنىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە يىغىلىپ، سەپ تۈزۈپ تەييارلاندى.

 جەڭ ئاپتوموبىللىرى ئاتلانسۇن، ئۆتكۈر شەمشەر غىلاپتىن چىقىرىلسۇن! تەنتەنىلىك بۇيرۇققا ئەگىشىپ، مەشىق مانېۋىر ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى كۆپ يولغا بۆلۈنۈپ، تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىپ، ھەرقايسى نۇقتىلىق رايونلارغا بېرىپ، قوراللىق چارلاش، چۆچۈتۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەشىق مانېۋىر ۋەزىپىسىنى ماسلىشىپ ئىجرا قىلدى. 

 مەشىق مانېۋىر پائالىيىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىي جەڭگە يېقىنلاشتى. ھەرقايسى تارماق ئەترەتلەر نىشان- ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا نۇقتىلىق نىشان قىلىنغان زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش- يوقىتىش ھەرىكىتى، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارىتا قورشاپ يوقىتىش، زەربە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى، قايتما ئېقىن، سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپ خىل مەشىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مەشىق، بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 

 بۇ قېتىمقى قوراللىق مەشىق مانېۋىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى يەنىمۇ تەكشۈرۈلدى، بىرلىشىپ باشقۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ چارلاش ئومۇمىي بىرىكمە كۈچى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەندى، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ زەربە بېرىش ئىقتىدارى، قابىلىيىتى ئۆستۈرۈلدى. 

 ياڭ چېڭ، چېن مىڭگو، قادېن كەبىن قاتارلىق ئالاقىدار رەھبەرلەر يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125