شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى
22:16:36 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، چېن شەن) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبىدە جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

 يېڭىلا پۈتكەن تاجىكىستان پارلامېنت بىناسى ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە نەپىس ئىدى. راخمان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

 راخمان شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە پارلامېنت بىناسىغا كىردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ تۈر تاختىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىككى بىنانىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى.             

 قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى.

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئىككى دۆلەت قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاپ، ئىككى بىنانىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەت تاغ- دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تاجىكىستاننىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ھەر ساھە خەلق ئاممىسىغا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن بەخت- سائادەتنى ھېس قىلدۇردى. بۈگۈن، ئىككى بىنا رەسمىي پۈتتى، بۇ، تاجىكىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، جۇڭگو- تاجىكىستان دوستانە ھەمكارلىقىغا سىمۋول قىلىنغان يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تاجىكىستاندا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 راخمان مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىل ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى بىنانىڭ مودېل يوپۇقىنى ئاچقانىدۇق. بۈگۈن مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى بىنانىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە تاجىكىستان خەلقىگە تەقدىم قىلغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى. ئىككى بىناغا تاجىكىستاننىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە جۇڭگونىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، تاجىكىستان- جۇڭگو چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ يەنە بىر گۇۋاھچىسى، جەزمەن تاجىكىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلۈپ، تاجىكىستان خەلقى تەرىپىدىن ئەۋلادمۇئەۋلاد تەرىپلىنىدۇ. مەن تاجىكىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ خالىس ياردىمىگە ھەمدە جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرىگە ئەڭ سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

 تاجىكىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى رۇستەم مىننەتدارلىق سۆزى قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يېڭىدىن پۈتكەن بىنا تاجىكىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپلا قالماي، يەنە دۈشەنبىگە يېڭى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم، چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ يېڭى سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ. تاجىكىستان تەرەپ تاجىكىستان- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلايدۇ.

 مۇراسىم مەزگىلىدە، پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

 جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى تۈرى جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈرىدە تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ لايىھەلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ، تاجىكىستاننىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن جۇڭگونىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئۈلگىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى زور نەتىجە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125