شى جىنپىڭ دۈشەنبىگە يېتىپ بېرىپ تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
23:20:55 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ دۈشەنبىگە يېتىپ بېرىپ تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، گۇەن جيەنۋۇ) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۈشەنبىگە يېتىپ باردى.

 مەخسۇس ئايروپىلان دۈشەنبە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە دۈشەنبە شەھىرىنىڭ باشلىقى رۇستەم، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇخلىدىن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. تاجىكىستانلىق بالىلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو تىلى، تاجىك تىلىدا شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۈشەنبىگە يېتىپ باردى. راخمان ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

 راخمان ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا- داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

 مىللىي كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيگەن 1500دىن ئارتۇق تاجىكىستان ياشلىرى قويۇق خاسلىققا ئىگە جۇڭگو- تاجىكىستان ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگودىن كەلگەن بۇ ئەڭ ئەزىز مېھماننى قىزغىن قارشى ئالدى.

 شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار، بىر- بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى سىجىل تېز سۈرئەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر بىر- بىرىنى قەتئىي قوللىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭىدىن پىلانلاپ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگو-  تاجىكىستان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

 جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جى شۇمىنمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

 شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى سەپ تۈزۈپ جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

 شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ھەم قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن دۈشەنبىگە بېرىپ زىيارەتتە بولدى.

 شى جىنپىڭ ئاستانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، قازاقىستان زۇڭلىسى بېكتىنوف، ئاستانا شەھىرىنىڭ باشلىقى قاسىمبېك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا كېلىپ ئۇزىتىپ قويدى.

 شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125