شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، غازۋانىنىڭ ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
23:24:44 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، غازۋانىنىڭ ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھەممەد ئۇلد شېخ غازۋانىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ماۋرىتانىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مول نەتىجىلىك بولدى. مەن جۇڭگو- ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- ماۋرىتانىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125