«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (تاجىك تىل- يېزىقى نۇسخىسى) تاجىكىستاندىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى
23:28:40 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (تاجىك تىل- يېزىقى نۇسخىسى) تاجىكىستاندىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (تاجىك تىل- يېزىقى نۇسخىسى)نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما تاجىكىستان «خوۋار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، «جاخوننامو» دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «سافىنا» دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاجىكىستاندىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلدى.

 «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3- بۆلۈمى (تاجىك تىل- يېزىقى نۇسخىسى)دە دىققەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئورتاق بېيىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، تاجىكىستان خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو رەھبىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125