«ياخشى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى!»
23:32:34 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «ياخشى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى!»

 − تاجىكىستان رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ما جويەن، جېڭ كەيجۈن

 دۈشەنبىنىڭ ياز كېچىسى سۈتتەك ئايدىڭ بولۇپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى.

 شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 21لەردە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۈشەنبە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىپ، تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

 ئايروپورت ئەزىز مېھمانلار بىناسى ئالدىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. 1500دىن ئارتۇق تاجىكىستان ياشلىرى مىللىي كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىپ، چېھرىدە يېقىملىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ كىيىمىدىكى ھەر خىل رەڭدىكى گۈل نۇسخىلىرى كۆركەم، ئوچۇق بولۇپ، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق گۈل نۇسخىلىرى قىزغىنلىق، ھاياتىي كۈچنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ تۇراتتى. قامەتلىك تاجىكىستانلىق يىگىتلەر جۇڭگو، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتتى. مۇزىكا ياڭراپ، قىزلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، رەڭگارەڭ كۆڭلەكلەر گىرەلىشىپ بىر يەرگە توپلىنىپ گۈل دۇنياسىنى ھاسىل قىلدى.

 جۇشقۇن داپ ئاۋازى، قىزغىن تەنتەنە ئىچىدە، پۈتكۈل ئايروپورت شادلىق دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.

 مەخسۇس ئايروپىلان مۇقىم توختىدى، بۆلمە ئىشىكى ئېچىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىپ، ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن زۇڭتۇڭ راخمان ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، ئىككى قەدىناس دوست قىزغىن قۇچاقلىشىپ، بىر- بىرىنىڭ قولىنى يەنە بىر قېتىم چىڭ سىقىشتى.

 «ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، قىزغىن، مېھماندوست تاجىكىستان سىزنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.» تاجىكىستانلىق ئۈچ ئۆسمۈر رەئىس شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو، تاجىكىستان ئىككى دۆلەت تىلىدا ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى.

 «رەھمەت سىلەرگە.» رەئىس شى جىنپىڭ گۈلنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قىزىل پاياندازنى بويلاپ ماڭغاچ پاراڭلاشتى، بىر شىپاڭدىن ئۆتۈپ، قەدىمىنى توختىتىپ ياشلار ئورۇنلىغان مول خاسلىققا ئىگە جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ناخشا- ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

 شادىيانە داپ رىتىمىغا ئەگىشىپ، تاجىكىستان ياشلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، قولىدا پۇلاڭلاتقان جۇڭگو يەلپۈگۈچى كۈچلۈك شەرق پۇرىقىغا ئىگە ئىدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستان ياشلىرىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

 «ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ، مەن بۇ گۈزەل تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم قويۇپ، تولىمۇ يېقىملىق ھېس قىلدىم.» رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى قېرىنداشلار».

 2014- يىلى 9- ئايدا، زۇڭتۇڭ راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «ئېگىز تاغ دۆلىتى» دېگەن گۈزەل نامى بار تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى. شۇ قېتىم، ئايروپورتتا خوشلاشقاندا، زۇڭتۇڭ راخمان مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: «ياخشى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى!»

 بۇ قېتىم، ئوخشاش جايدا، ئىككى قەدىناس دوست يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، نەق مەيداندىكى ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە توختىمىدى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125