شى جىنپىڭ تاجىكىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
23:37:47 2024-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تاجىكىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

 جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان «خەلق گېزىتى» ۋە «خوۋار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا «جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

 جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 بۇ گۈزەل ياز پەسلىدە، مەن زۇڭتۇڭ راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم. بۇ مېنىڭ تاجىكىستانغا 3- قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم، شۇنداقلا ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ بۇ گۈزەل تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم قويۇشۇم. تاجىكىستانلىق داڭلىق شائىر رۇداكى مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا ھېچقانداق خۇشاللىق ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ جەم بولۇشىغا يەتمەيدۇ.» مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل يېڭى ئىستىقبالىنى ئورتاق ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، تەقدىرداش، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى. جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ چيەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۈەن زاڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېن چېڭ قاتارلىقلار تاجىكىستاندا دوستلۇق ئىزلىرىنى قالدۇرغان. سۇغدى سودا كارۋانلىرى ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا قاتناپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.

 32 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. 32 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن- ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى ئاچتى.

 − بىز سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشەندۇق. ئىككى تەرەپ بىر- بىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئىتىمىزگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر- بىرىمىزنى قەتئىي قوللاپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇردۇق. بىز باشتىن- ئاخىر قارشى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، باشتىن- ئاخىر ھەرقايسىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ يەتتۇق. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن 15 قېتىم ئۇچرىشىپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە چوڭقۇر شەخسىي دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق.

 − بىز بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئالدۇق. جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى ۋە ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. 2023- يىلى، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 4 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ، يەنە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى. تاجىكىستان تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا ئەڭ بالدۇر قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يولغا قويغان ياۋەن سېمونت زاۋۇتى، خاتلون ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى، دانگارا يېزا ئىگىلىك- توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق تۈرلەر تاجىكىستان تەرەپنىڭ كەسىپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شۇ جاي ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. جۇڭگو كارخانىلىرى ياسىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تاشيولى، ياۋەن- ۋاخدات تۆمۈريولى تونېلى قاتارلىقلار تاجىكىستاننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى تۇتاشتۇردى. تاجىكىستاننىڭ گىلاس، لىمون، ئۈزۈم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ جۇڭگودىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بەش يىل ئىلگىرى مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە باشلىغان تاجىكىستان پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسى تۈرى پات ئارىدا پۈتۈپ، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدىكى يېڭى يەر بەلگىسى ۋە جۇڭگو- تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى يېڭى بەلگە بولۇپ قالىدۇ.

 − بىز دوستانە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدۇق. كۇڭزى شۆيۈەنىدىن لۇبەن ھۈنەرخانىسىغىچە بىز تىل بىلىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان زور بىر تۈركۈم جەڭگىۋار قوشۇننى يېتىشتۈردۇق، ئۇلار ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق قىزغىن دولقۇنىغا ئاتلاندى. جۇڭگو- تاجىكىستان جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەركىزىدىن «ساغلاملىق تېز پويىزى خەلقئارا يورۇقلۇق سەپىرى»گىچە جۇڭگو ئەنئەنىۋى تېبابىتى زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى. مەدەنىيەت كۈنى، تەتقىقات- مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش، كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقىچە، خەلق يېقىن ئۆتىدىغان، قەلبلەرنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كىچىك ئېقىنلار ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق دېڭىزىغا داۋاملىق قوشۇلۇپ كەتتى. ئىككى دۆلەتتىكى دوستلۇق ئورناتقان ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرلەر توققۇز جۈپكە يەتتى، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

 − بىز ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە، رەھىمسىز ۋىرۇس ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدۇق. بىز زور تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆزئارا ياردەم قىلدۇق، جۇڭگو تەرەپ يەنە تاجىكىستان تەرەپكە كەسپىي داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى. ئىككى تەرەپ قاراسۇ- قولما پورتىنىڭ يۈرۈشۈشىدە يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قاتناش ئەشيا ئوبوروتى چوڭ تومۇرىنىڭ باشتىن- ئاخىر راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. بىز خەلقئارا سەھنىدە زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، قارشى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلارغا پائال ئاۋاز قوشۇپ ۋە ئۇنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو- تاجىكىستان كۈچىنى قوشتۇق.

 ھازىر، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. تاجىكىستانمۇ «2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 − يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بىز يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەرقايسى قاتلام- دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

 − ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن تاجىكىستاننىڭ «2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو- تاجىكىستان تاشيولىنىڭ ئاچقۇچلۇق يول بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش- كېلىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەلىرىنى ئېچىشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشى قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى تاجىكىستانغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 − خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك بويىچە ئۇدۇل كېلىدىغان تارماقلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، تېررورچى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ سىڭىپ كىرىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

 − ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتىكى خەلق رايى ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. بىز تاجىكىستانلىق تېخىمۇ كۆپ دوستنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىشىنى، ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى، مەبلەغ سېلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، زىيارەت قىلىپ ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى خۇددى تۇغقان يوقلىغاندەك دائىم بېرىش- كېلىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايمىز. بىز تاجىكىستاندىكى لۇبەن ھۈنەرخانىسى، كۇڭزى شۆيۈەنى، جۇڭگو- تاجىكىستان جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

 − ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو- تاجىكىستان تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

 يەنىمۇ يىراققا نەزەر سېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانلىق دوستلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125