شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
20:11:12 2024-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم قازاقىستان، تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۈشەنبىدىن ئايرىلدى

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم قازاقىستان، تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاڭ ياڭ، پېڭ پېيگېن) شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۈشەنبىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە قايتتى.

 تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە دۈشەنبە شەھىرىنىڭ باشلىقى رۇستەم، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇخلىدىننى باشلاپ ئايروپورتقا بېرىپ خوشلىشىپ ئۇزىتىپ قويدى.

 راخمان شى جىنپىڭغا 2014- يىلىدىن بۇيان تاجىكىستاندا ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولغاندىكى قىممەتلىك سۈرەتلەر ئالبومىنى سوۋغا قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇ قېتىم زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو- تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق، بۇ، كەلگۈسىدە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت جۇڭگو- تاجىكىستان يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

 ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا ئايرىلدى.

 شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ يەنە تەكلىپ بىلەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبە دۆلەت مېھمانخانىسىدا سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125